大数跨境

لېيىغان كۆڭۈل - زىلەيقىز نۇر دىلنازۇك

لېيىغان كۆڭۈل - زىلەيقىز نۇر دىلنازۇك aybarawazi
2025-03-20
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


لېيىغان كۆڭۈل


زىلەيقىز نۇر دىلنازۇك


بىلەمسەن ئاشىقىم؟

سەن قەلب تۆرىمنىڭ سۇلتانى ئىدىڭ

قەھرىتاندا مۇزلىغان تېنىمنىڭ  گۈلخانى  ئىدىڭ.

قاراڭغۇ دىلىمنىڭ نۇرلۇق چىراغى

بەختىمنىڭ گۈلتاجى ئىدىڭ…

سەن

تاتلىق خىياللىرىمنىڭ سەۋەبچىسى،

شېرىن چۈشلىرىمنىڭ يىگانىسى، يۈرىكىمنىڭ بىر دانىسى،خۇشاللىقىمنىڭ پەرۋانىسى ئىدىڭ! 

سەن بولغاچ ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئىنسان دەپ ئويلايتتىم، گەرچە بىز ئىككى ئادەم  بولساقمۇ يۈرىكىمىز بىر ئىدى،  ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى بىلمەي قالاتتۇق، مۇھەببەتلىك مۇڭدىشىپ  سۆزلىرىمىز تۈگىمەي  تالاي تۈنلەرنى تاڭغا ئۇلىغان ئىدۇق…

ئېسىڭدىمۇ جېنىم؟

چاقچاق قىلىپ «ئايرىلىپ كېتەيلى» دېسەم كۆزلىرىڭنى چەكچەيتىپ، ئاچچىقتىن تىتىرەپ تۇرۇپ

«مەندىن جېنىمنى سورىساڭ بېرەي، لېكىن ئايرىلايلى دېگەن گەپنى قىلما، مەندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن مېنى يەرگە تىرىك كۆمىۋەت» دېگەن ئىدىڭ، ھەم كۈچلۈك بىلەكلىرىڭ بىلەن مەھكەم قۇچاقلاپ، باغرىڭغا چىڭ بېسۋالغان ئىدىڭ.

ئاجايىپ شېرىن ئىدى ئاشۇ كۈنلەر ھە! 

خىيالىمدا سەن بىلەن بىر ئۆمۈر ئايرىلماي، ئاشىق ـ مەشۇق بولۇپ ئۆتىمىز دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن…

ئەپسۇس!

كىم بىلسۇن، سۈپسۈزۈك بۇلاقتەك پاكىزە قەلبىڭ لېيىپ كەتتى، لېيىغان شۇ كۆڭۈل دېڭىزىڭدا بىر قانچە بېلىجانلار پەيدا بولدى، شۇنچە تېزلا ئۆزگەردىڭ، كۆز ئالدىمدا ئۆزگىلەر بىلەن ئويناپ كۈلۈپ يۈردۈڭ، كۆزلىرىڭ مېنى كۆرمەس، سۆزلىرىم قۇلىقىڭغا خۇشياقماس بولدى،   ۋەدە ـ قەسەملىرىڭدىن تاندىڭ، يازغان ئۇچۇرلىرىم جاۋابسىز قالدى، كۈتۈشلەردە كۆزلىرىم تالدى،  سۆيگۈسىراپ يۈرىكىم ھاردى.…! 

ئاھ…! بىچارە يۈرىكىم ئازابتا قانسىراپ زار ـ زار يىغلىدى…!

بەرداشلىق بەرگۈدەك ھالىم قالمىدى، قىلىپ يۈرگەن ناتونۇشلار كەبى قىلىقلىرىڭغا پەقەت بەرداشلىق بېرەلمىدىم،پەقەت چىدىيالمىدىم…!

خەير ئاشىقىم، خەير!

 سېنى ئەمدى ئىزدىمەيمەن،  يېنىمغا قايتىپ كەل، مېھرىڭنى بەر دېمەيمەن!

 ئىلتىماسىم، يۈرىكىمدىن چىقىپ كەت!

 كۆڭۈلگە كىرگەننىڭ كۆڭۈلدىن چىقمىقى بەك تەس دەيدىكەن، قانچە تەس بولسىمۇ  بولدى سېنى يۈرىكىمدىن قوغلايمەن، يىراقلارغا كەتكىن، يېپى ئۈزۈلگەن لەگلەك كەبى مەنزىلسىز ئۇچقىن، كۆڭلۈڭ تارتقاننى قىل…! 

قەدىرسىزلەر كوچىسىدا خار بولۇپ،  ساختا مۇھەببىتىڭگە زار بولۇپ، ئالدىنىپ يۈرگىچە، يەككە ـ يىگانە ئۆتۈپ كېتەي!

 سۆيگۈ دېڭىزىغا غەرق بولۇپ، دۇغلىشىپ كەتكەن شۇ بىچارە  لېيىغان كۆڭلۈڭدىن مېنى يۇيۇۋەت…! 

مەڭگۈ

مەڭگۈ

مەڭگۈلۈك يوقال

يىراق كەت

كۆزۈمگە كۆرۈنمە…!!!


2023-1-6 ئاقسۇ ئونسۇ



………………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k