
ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت


غېرىپ ئانا
ھەمراگۈل قادىر (سابا)
ئۆشنىسىدە كەتمەن قولىدا بالا،
قىرىق يېشىدا كەتتى چېچى تۈگەل ئاقېرىپ.
ئۇچۇرۇم قىلدى جۈپ پەرزەنتىنى،
قانىتىنى سۇندۇرۇپ بارىنى بېرىپ.
دادىسىدىن قالغان بالىلار،
ئېمزەكنى ئېمىپ.
غېرىپلىق يەتتى ئەمدى ئانىغا،
بېلى مۈكچەيدى،
كۆزىنىڭ نۇرى قاچتى،
چاينىيالمايدۇ
ھەتتا،
مۆشۈككە نان.
يولغا تەلمۇرىدۇ،
شامال ئۇچۇرىدۇ غازاڭلارنى،
ئانا كۈتىدۇ بالىلىرىنى…
ئەتسىز جىسمى تىترەپ
قالمىدى يۈزىدە قان.
بالىلار ئالدىراش چوڭ شەھەردە…
ئانىغا ھەمرا پۇشقاق مۆشۈكلەر،
ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ماڭىدۇ،
تەڭ ئولتۇرىدۇ،
قولىغا،
پۇتىغا،
ئىڭەكلىرىگە سۈركىلىپ ئەركىلەيدۇ.
ئانا سېغىنىدۇ،
كۈتىدۇ بالىلىرىنى.
سىلايدۇ تارشىدەك قولدا،
مۆشۈكلەرنىڭ يۇمشاق مويىنى،
بىر مۇھەببەتتە ،
بىر زارىقىشتا،
مايسىز چىراقتەك نۇرسىز كۆزلەر،
ئۆتسە بىر ماشىنا،
كۆرۈنسە بىر گەۋدە،
ئۈمىدلىندۇ.
كېتىدۇ ماشىنا،
ئۆتىدۇ ئادەملەر،
ئانا كۆزىگە لۆممىدە ياش كېلىدۇ.
كۈن بىلەن تەڭ ئۈمىدلىنىپ
ئۈمىدنى ئايغا يۆتكەيدۇ.
قانداقتۇ تەشۋىشتە،
تېلېفۇنغا يېنىش-يېنىش قارايدۇ،
توكقا چاتىدۇ ،
ئالىدۇ،
يۇلتۇز سانايدۇ.
بالىلار ئالدىراش چوڭ شەھەردە…
مۆشۈكلەرنىڭ بىرسى ئاتىسى،
بىرسى ئانىسى،
ئاۋۇ كۆزى چىرايلىقى چوڭ بالىسى،
ئاۋۇ كەپسىز ئالىسى كېچىك بالىسى،
پۇراپ قويىدۇ ئۇلارنى،
چاقىرىدۇ ئېزىقماي
ئانىسىنى،
ئاتىسىنى،
چوڭ-كېچىك بالىسىنى،
ھەتتا،
ئوماق نەۋرىسىنى،
مىياڭلاپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ ئۇلار.
ساپسېرىق غازاڭ،
شىرىقلايدۇ ئانا باغرىدا،
سېغنىش قىينايدۇ،
ئانا بۇرنىغا پۇرايدۇ،
ئاپىسنىڭ سۇيۇق ئېشى،
جۆرىسىنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە ھىدى،
بالىلىرىنىڭ سۈت پۇرىقى.
يالتىراق سومكىدا نېنى،
ئۆزىگە ،
مۆشۈكلىرىگە يېتىدۇ.
ناننى شۈمۈپ كېتىدۇ.
سوغۇق كۈز شامىلى
غازاڭلارنى ئۇچۇرۇپ ئوينايدۇ،
ئانا كۆڭلىنى سېرىق بويايدۇ.
بالىلار ئالدىراش چوڭ شەھەردە..
مۇزدەك ئورۇندۇقتا،
ئانا كۈنلەپ،
ئايلاپ،
بالىلىرىنى كۈتىدۇ.
ئۇ باھارغا قانمىغان،
يازغا قانمىغان،
چوكانلىقى ھىدقا تولمىغان.
كەچكۈز شامىلى ئۇچۇرىدۇ غازاڭلارنى…
ئانا كۆڭلىدە نەمخۇش تۇمان لەيلەيدۇ…
بالىلار ئالدىراش چوڭ شەھەردە..
2024- يىل 4- نويابىر
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


