大数跨境

دېڭىزدا بايرام - پاتەم بەكرى

دېڭىزدا بايرام -  پاتەم بەكرى aybarawazi
2025-03-19
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 



دېڭىزدا بايرام

 

پاتەم بەكرى

 

 بىر چاغلار دېڭىزنى قىلاتتىم ھەۋەس. 

 كۆرگەندە دولقۇندىن  بولغانتىم پەخەس، 

 پايانسىز دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرىمەن. 

 قەلبىمدە مۇھەببەت ئۇرغىدى پەۋەس. 

 

 دېڭىزدا، مەن بايرام ئۆتكۈزدۈم تۇنجى. 

 سايراتتى گارمۇننى گۈزەل بىر كۈيچى. 

 دېڭىزنىڭ شاۋقۇنى گار مۇنغا تەڭكەش، 

 شوخ، ياڭراق پەدىگە چۈشتى ئۇسسۇلچى. 

 

ناخشا ساز ساداسى يەتتى پەلەككە، 

مەدىنە قىز چالدى پاھ شوخ مەلەككە، 

قوياشتىن نۇر ئالغان ئايدىن يۇرۇقلۇق، 

شەھلا كۆز گۇزەللەر يەتسۇن تىلەككە. 

 

 قىرغاقتىن بارغانچە كەتتۇق يىراقلاپ. 

 خىيالىم ئۇچماقتا قىتئەدىن ئاتلاپ، 

 قايتقۇم بار، تىتانىك قالدۇرۇپ كەتكەن، 

تەسىرلىك مۇھاببەت كۇيىنى ئاڭلاپ. 

 

 

زۇمرەتتەك سۇپ سۇزۇك  دېڭىزنىڭ سۇيى، 

ئاڭلاندى ۋاپادار زەينەپنىڭ ئۇنى، 

گۇۋاھسەن ھەقىقى چىن مۇھاببەتكە، 

ئاجايىپ تىلسىمات دېڭىز دولقۇنى. 

 

قەۋەتلىك پاراخۇت كەزدى خارامان، 

يۇرەكنى ئويناتتى چەكسىز ھاياجان، 

مۇشۇ تاپ قېشىمدا بولسىچۇ كاشكى، 

دېڭىزنى كۆرەلمەي كەتكەن ئاناجان. 


2025-3-8-كۇنى

 

سەنيادا يېزىلدى

 ئاپتۇرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسيۇنىرى



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k