大数跨境

ھىكايە ـــــ ئايالنىڭ ئۆلۈم خېتى

ھىكايە ـــــ ئايالنىڭ ئۆلۈم خېتى aybarawazi
2025-04-30
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

سۈكۈت ئايالنىڭ «ئۆلۈم خېتى»

 ھەر بىر ئايال بىر ئەرگە كۆڭۈل بېرىدۇ، ئۇنى ھاياتىدەك كۆرۈپ ياخشى كۆرىدۇ، ئايال بىر ئەرنى تاللىغاندا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بۇ ئەرگە ئاتا قىلىدۇ، ئايال بىر ئەرنى سۆيگەندە ئۇنىڭغا ھەممە گەپلىرىنى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى سۆزلەرنى ئېيتىدۇ، ئۆزىنىڭ خۇشال بولغانلىرى، قايغۇرغانلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىدۇ،  لېكىن ئايال بۇ ئەردىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەندە بولسا، ئۇنىڭ گەپلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىدۇ.


  بەزىدە سۈكۈت قىلىش ئۈنتۈنسىز ئازاب چېكىشتۇر، بۇرۇن دائىم كۈلۈپ يۈرۈيدىغان ئايال تۇيۇقسىز زىيادە تىنىچ بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەلبى چوقۇم نۇرغۇنلىغان ئازابلارنى يېگەن بولىدۇ، ئۇ بارلىق ئازابلىرىنى سۈكۈتكە يوشۇرىدۇ، بىر ئايال جۈپتىگە توختىماي گەپ قىلىشتىن زىيادە تىنىچ ھالەتكە چۈشۈپ قالسا، ئۇ چوقۇم ساناپ تۈگەتكۈسىز ئۈمۈدسىزلىك ۋە ئازابقا ئۇچرىغان بولىدۇ.

  ئادەم بىرسىنى سۆيسە ئۇنىڭغا بارلىق گەپلىرىنى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلسا گەپ قىلماس بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر ئايال كىشى ئەر كىشىدىن ئۈمۈدسىزلەنسە، گەپ ئېغىزىنىڭ ئۇچچىغا كەلسىمۇ، ئۇ گەپ قىلماسلىقنى گەپنى ئىچىگە يۇتىۋېتىشنى تاللايدۇ، مۇھەببەت دۇنياسىدا ھېچكىممۇ سۈكۈتتە تۇرۇشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئادەم زىيادە ئۈمۈدسىزلىككە تولغاندا تەبىئىيلا سۈكۈت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا ئەرلەر يېنىڭىزدىكى ئايال بۇرۇنقىدىن بەك تىنىچ بولۇپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ بارا-بارا سوۋۇشقا باشلىغانلىقىدىن بولىدۇ.
سۈكۈت قىلىش ئايالنىڭ يۈرىكىنىڭ مۇزلاپ كەتكەنلىكىدىندۇر
   مۇھەببەت ئويۇن ئەمەس، ھېسسىيات چاقچاق ئەمەس، ئاسانلىقچە بىراۋغا ئازار بەرمەڭ، بىر ئايالنىڭ يۈرىكىنىڭ مۇزلىشى ئۇنىڭ سۈكۈتىدىن باشلىنىدۇ، سۈكۈت قىلىش ئاجىزلىق ئەمەس، ئۆزىنىڭ سۆيۈشكە ئەرزىمەيدىغان ئادەمنى سۈيۈپ قالغانلىقىنى بايقىغاندا ئادەم سۈكۈت قىلىدۇ.
ئەگەر بىر كۈنلەردە سىزنى سۆيىدىغان ئادەمنىڭ سىزگە كۆيۈنمەيۋاتقانلىقىنى، سىزگە جىمفورلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كۆڭلى سىزدىن سوۋۇپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىڭ، يۈرەك نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنى تۆلەپ جاۋاپقا ئېرىشەلمىسە، ئۇ ھەممىدىن ۋاز كېچىدۇ، قېلىن كىيىملەر ئارقىلىق ئۆزىنى قايتا يارلىنىشتىن قوغدايدۇ، ئادەم كۆڭلى ئىللىقلىققا موھتاج، شۇندىلا مۇزلاپ قالمايدۇ، ھېسسىيات قەدىرلەشكە موھتاج، شۇندىلا سۇسلىشىپ قالمايدۇ، ئايال كىشىنىڭ كۆڭلى سوۋۇپ قالغاندا ئۇ دەل سىزدىن ۋاز كەچكەن بولىدۇ، ئۇ ھامان بىر كۈنى سىزدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ.
سۈكۈتتىكى ئاياللار ئۆزىنى ۋاز كېچىشكە زورلاۋاتقان بولىدۇ
 سۈكۈتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇلغىنى ئۈمۈدسىزلىك ۋە ئازاب بولىدۇ، ئايال كىشى ھەقىقەتەن ئازار يېسە ئارتۇقچە يىغلاپ كۆز يېشى قىلىپ ئولتۇرمايدۇ، ئەكسىچە سۈكۈت ئىچىگە چۆكۈپ كېتىدۇ. ھېچكىممۇ ئۆزىگە كۆيۈنمەيدىغان ئادەمگە كۆيۈنۈشنى خالىمايدۇ، ھېچكىممۇ ئۆزى پەرۋا قىلمايدىغان ئادەمگە كۆڭلىنى ئىسراپ قىلىپ ئولتۇرمايدۇ، مۇھەببەتتە ئايال كىشىنىڭ جىق گەپ قىلىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ گەپ قىلماي سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشىدىن قورقۇڭ.
سىزگە چىن يۈرىكىدىن مۇئامىلە قىلغان ئايالنى قەدىرلەڭ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇزلىتىپ قويماڭ 
   بۇ دۇنيادا ھېچكىممۇ بىرەسى بولمىسا ياشىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس، ھەر قانچە چوڭقۇر مۇھەببەتتىمۇ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلمىسا، ھامان بىر كۈنى سولۇشۇپ قالىدۇ، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئازار يەۋەرسە، ئاستا-ئاستا ھېچنىمىنى سەزمەس بولۇپ قالىدۇ، يۈرەك ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتسە ئۇنىڭدا سۆيگۈ، مۇھەببەت ھەممىسى يوقايدۇ.
  بىر جۈپلەر بىر-بىرىگە پەرۋا قىلغانلىقىدىن بەزىدە جېدەللىشىپ قالىدۇ، بۇنداق جېدەل ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق، ئەكسىچە ئۆز-ئارا جىمغۇر بولۇش، سۈكۈت قىلىش دەل ئارىدىكى سۆيگۈنىڭ تۈگەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
  ئەر كىشى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىزنى سۆيىدىغان ئايالنى ئۈمۈدسىزلەندۈرمەڭ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇزلىتىپ قويماڭ، چۈنكى مۇھەببەت چاقچاق كۆتۈرەلمەيدۇ، ئۇنى يوقىتىپ قويسىڭىز قايتا تېپىشىڭىز تەس، سىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان شۇ ئايالنى چوقۇم ياخشى قەدىرلەڭ.


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k