
ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت


باھارغا سۇئال
ئايجامال ئەختەم
(ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پىنسىيونىرى )
تەنھالىققا ئېسىۋالدىم ھىجراننى،
قاچۇغۇمدا قېتىپ قالغان بىر سايە.
بوش ياستۇقنىڭ قېتىدىكى تونۇش ھىد ،
نەپىسىمگە نەپەس قوشقان دەسمايە.
دەسمايەم شۇ مۇھەببەتنىڭ پۇچىغى،
يۈرەك پۇچۇق ، پۈچۇق روھ ۋە پۇچۇق تەن.
چاچلىرىمغا يامىشىدۇ غېرىپلىق ،
كىكىرتەكنى قانىتىدۇ بىر تىكەن.
تەنھا دەرەخ ياپرىغىغا قارلىغاچ ،
باھار كەلسە كېلەتتى دەپ شىۋىرلار.
قېنى باھار دەپ توۋلايدۇ دۇنياغا،
سۇئاللارغا سۇئال قوشقان شىفىرلار.
رىۋايەتتەك بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا ،
قالدى يىراق شۇ تۆتىنجى يانىۋار.
ئۆزگەردىمۇ تەبىئەتنىڭ رېتىمى،
باھار بۇنچە ئۇزاپ كەتكەن نەدە بار.
ناماششامدا غايىپ بولدۇڭ تۇماندەك ،
يانىۋارنىڭ ئەشۇ سوغۇق شەنبىسى .
قار ئاستىدا تۇرۇپ قالغان غازاڭنىڭ،
يوقتۇر ئەسلا كۈتۈشتىن باشقا غەلۋىسى .
2024.1.4
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


