
ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت


ھىكايە
13 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى دادىسى بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىر كونا كىيىمنى ئۇنىڭغائۇزارتتى ، «بۇ كىيىمنى قانچە پۇلغا ئالار» « تەخمىنەن بىر دوللارغا »جاۋاپ بەردى ئۇ ، « ئىككى دوللارغا ساتالارسەنمۇ » دادىسى سىناپ بېقىش نەزىرىدە ئۇنىڭغا قارىدى ، « ئەخمەق ئادەملا ئالا بۇنى » ئۇ قېيدىغىنىچە دىدى ، دادىسى سەمىمىيلىك چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ يەنە دىدى ، « سەن نىمىشقا سىناپ باقمايسەن ؟ سەنمۇ بىلىسەن ، ئۆيىمىزنىڭ ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس ، ئەگەر سەن ساتالىساڭ ، ئاپاڭ ئىككىمىزگە ياردەم قىلغىنىڭ بولۇپ قالاتتى ،» بۇ چاغدىلا ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى : « ماقۇل ، مەن سىناپ باقاي ،بىراق ساتالايمەن دەپ كاپالەت بىرەلمەيمەن ،»ئۇ ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن كىيىمنى پاكىز يۇدى . دەزمال بولمىغانلىقتىن ، ئۇ چوتكا بىلەن كىيىمنى تەكشى چوتكىلاپ ، تاختا ئۈستىگە يېيىپ قۇرۇتتى ، ئىككىنچى كۈنى ئۇ بۇ كىيىمنى ئادەملەر كۆپ توپلىشىدىغان مېترو بېكىتىگە ئاپىرىپ ، ئالتە سائەت توۋلاش ئارقىلىق ئاخىرى سېتىپ چىقاردى ، ئۇ ئىككى دوللارنى قولىدا سىقىمدىغىنىچە ئۆيىگە قاراپ چاپتى ، ئاندىن ئۇ ھەر كۈنى ئەخلەت دۆۋىسى ئارىسىدىن كونا كىيىملەرنى ئاختۇرۇپ تېپىپ ، ياخشى تازلاپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كىيىن ، قايناق بازارغا ئاپىرىپ سېتىشقا كىرىشىپ كەتتى ، مانا مۇشۇنداق ئون نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ، دادىسى تۇيۇقسىز يەنە بىر كونا كىيىمنى ئۇنىڭغا سۇندى : « ئويلاپ باقە ، بۇ كونا كىيىمنى قانداق قىلساڭ ، 20 دوللارغا ساتقىلى بولىدۇ؟» « مۇمكىن ئەمەس ، بۇ كونا كىيىمنى 20دوللارغا قانداقمۇ ساتقىلى بولسۇن ؟ ئەڭ كۆپ دىگەندىمۇ ئىككى دوللارغا يارايدۇ!؟» « نىمىشقا سىناپ باقمايسەن ؟ياخشىراق ئويلاپ باققىن ، چوقۇم ئامالى بۇلىدۇ! » دادىسى ئۇنى رىغبەتلەندۈرىۋاتاتتى ،ئۇ ئاخىرى ياخشى بىر ئامالنى ئويلاپ تاپتى ، ئۇ رەسسام نەۋرە ئاكىسىنى تېپىپ ، كىيىم ئۈستىگە ئوماق ئۆردەك بىلەن كەپسىز چاشقاننىڭ رەسىمىنى سىزغۇزدى ، ئاندىن ئاقسۆڭەكلەر پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ توۋلاپ سېتىشقا باشلىدى ، ئۇزاق ئۆتمەي بىر غوجىدار ئۆزىنىڭ كىچىك بايۋەتچىسى ئۈچۈن بۇ كىيىمنى سېتىۋالدى ، ئون ياشلار ئەتراپىدىكى بۇ بالا كىيىم ئۈستىدىكى بۇ رەسىمنى بەكلا ياقتۇرۇپ قېلىپ ، ئۇنىڭغا يەنە بەش دوللار چاي پۇلى بەردى . 25 دوللار ، بۇ ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ناھايتى كۆپ پۇل بۇلۇپ ، دادىسىنىڭ بىر ئايلىق ئىش ھەققىگە توغرا كىلەتتى . ئۆيگە قايتىپ بارغاندا دادىسى ئۇنىڭغا يەنە بىرتال كونا كىيىمنى ئۇزارتتى : « سەن بۇ كىيىمنى 200دوللارغا ساتالارسەنمۇ ؟ » دادىسىنىڭ كۆزلىرى چوڭقۇر مەنىلەرگە تولغان ئىدى ، بۇ چاغدا ئۇ قىلچىمۇ ئىككىلەنمەستىن كىيىمنى قولىغا ئالدى ، دە قاتتىق ئويلاشقا باشلىدى ، ئىككى ئايدىن كىيىن ، پۇرسەت ئاخىرى يىتىپ كەلدى ، ئۇ چاغلاردا مودا بۇلۇپ كەتكەن « چاقماق نازىنىنى » دىگەن كىنونىڭ ئايال باش رولچىسى لافورىس نىيويوركقا تەشۋىقات ئۈچۈن كەلگەنىدى ، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن ، ئۇ ئەتراپىدىكى ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنى ئىتتىرۋېتىپ ،لافورىسنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە كىيىمنى كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭدىن ئىمزا قۇيۇپ بىرىشنى ئۆتۈندى ، لافورىس ئالدىدا چۆچۈپ كەتتى ، بىراق كەينىدىنلا كۈلۈمسىرىدى ، ھېچكىممۇ ساددا بىر كىچىك بالىنى رەت قىلالمايدۇ-دە ! لافورىس ئۇنىڭغا ئىمزا قۇيۇپ بەرگەندىن كېيىن ،ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە سورىدى « لافورىس خېنىم ، مەن بۇ كىيىمنى ساتسام بولامدۇ ؟ » « ئەلۋەتتە ، بۇ سىنىڭ كىيىمىڭ، قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئەركىنلىكى ئۈزۈڭدە!» خوشاللىق بىلەن ۋارقىراشقا باشلىدى : « لافورىس خېنىمنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان تەنھەرىكەت كىيىمى ، 200دوللارغا ساتىمەن ! » بىر مەيدان تالاشتۇرۇپ سېتىش ئارقىلىق ، نىفىتچى سودىگەر 1200 دوللارلىق باھا بىلەن بۇ تەنھەرىكەت كىيىمىنى سېتىۋالدى. ئۆيگە بارغاندا،ئۇ ۋە دادىسى ،شۇنداقلا بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ خوشاللىقنى قىزغىن تەبرىكلەشتى .
دادىسى كۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ياشلىرى تۆكۈلدى.توختىماستىن ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيدى: « مەن ئەسلىدە سىنى ساتالماي قالسا،باشقىلار ئارقىلىق سېتىۋالماقچى ئىدىم،بىراق كىم بىلسۇن، سەن ساتالىدىڭ! سەن مىنىڭ ياراملىق ئوغلۇم، مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن .. » تولۇنئاي تاغ چوققىسىغىچە كۆتۈرۈلۈپ دەرىزىدىن ئۆز شولىسىنى چاچماقتا ئىدى ، بۇ كىچە دادا-بالا ئىككەيلەننىڭلا كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى. دادىسى سورىدى: « بالام، بۇ ئۈچ كىيىمنى سېتىش ئارقىلىق ،سەن بىرە نەرسىنى چۈشەندىڭمۇ ؟» « چۈشەندىم، سەن مىنى ئىلھاملاندۇرۋاتىسەن » ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن جاۋاب بەردى : « پەقەت كاللا ئىشلەتسىلا ، ھامان ئامالى بۇلىدۇ.» دادىسى بېشىنى لىڭشىتتى،ھەم يەنە بېشىنى چايقىدى:« دېگىنىڭ توغرا،بىراق بۇ مىنىڭ ھەقىقى مەقسىتىم ئەمەس.مەن ساڭا دىمەكچى بولغىنىم،پەقەت بىر دوللار قىممىتىدىكى ئەسكى كىيىمنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىيۇ ، بىزدەك تىرىك ياشاۋاتقان ئادەمنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگىلى بولماسمۇ؟ بىزنىڭ تۇرمۇشقا قارتا ئىشەنچىمىزنى يوقىتىدىغىنىمىزغا قانداق ئاساسىمىز بار ؟ بىز پەقەت سەل قارا ، سەل نامرات ، بىراق بۇنداق بولسا نىم بوپتۇ ؟ » « توغرا ، بىرتال ئەسكى كىيىمنىڭ باھاسىنى ئۆرلەتكىلى بولغان يەردە ئۆز-ئۆزىمىزنى كەمسىتىشكە قانداق ئاساسىمىز بولسۇن؟» 20يىلدىن كىيىن، ئۇنىڭ ئىسمى دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە يىتىپ باردى ، ئۇ بولسىمۇ مايكىل جوردان ئىدى.
تەسرات: تۇرمۇش مۇكەممەل بولمايدۇ، تۇرمۇشنىڭ سىزگە كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئاغرىنىشلارنى ئەكىلىپ بىرىشنى ساقلاپ ئولتۇرغىنىڭىزدىن ، بىرخىل ئىشەنىچتە چىڭ تۇرۇپ تىرىشچانلىق ئارقىلىق تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرگىنىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ ؟
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


