ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
بىر ئوغرى بالىنىڭ ھىكايىسى… ئىبرەت ۋە مۇھەببەت
.ئالتۇندەك ھېكمەت
🎁🎁
بىر چوڭ توي زىياپىتى بولۇپ نۇرغۇن ئادەملەر يىغىلىپتۇ، كىشىلەر ئارىسىدىن بىرسى تۇيۇقسىزباشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسىنى يىراقتىن كۈرۈپ ئالدىغا سالامغا كىلىپتۇ، ۋەناھايىتى چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن سالام بىرىپ بولۇپ مۇنداق دەپتۇ: ئۇستاز مىنى تۇنۇدىڭىزمۇ ؟.
-ياق،تۇنۇمۇدۇم ، دەپتۇ.
-ئۇستازقانداقسىگە تونۇمايسىز ؟ مەن ھېلىقى سىنىپتا باللارنىڭ بىرىنىڭ سائىتىنى ئوغرىلىۋېلىپ، سائەت ئىگىسى بالا يىغلاشقا باشلىغاندىن كىيىن سىز باللارنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردىغانلىقىڭىزنى ۋە ھەممىمىزنى ئورنىمىزدىن تۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغان ئىدىڭىز.مەن شۇ ۋاقىتتا ئۈزۈمنى ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىم ئارىسدا رەسۋا بۇلىدىغان بولدۇم، مەسخىرىگە قېلىپ ھاياتىم بۇيى ئوغرى –- ھارامخور ئاتىلىپ كىشىلىكىمنى يوقىتىدىغان بولدۇم دەپ قورقۇنۇچتىن تۈگەشكەن ئىدىم.سىز ھەممىمىزنى تامغا قاراپ تۇرۇشقا ۋە كۆزىمىزنى تامامەن ئېتىپ تۇرۇشىمىزغا
بۇيرۇق قىلدىڭىز.
ئارقىدىن ھەربىرىمىزنى بىر بىرلەپ ئاختۇرۇپ نۆۋەت ماڭا كەلگەندە يانچۇقۇمدىن سائەتنى ئېلىپ بولۇپمۇ يەنە ئاختۇرۇشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردىڭىز .
سىزھەممىمىزنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدىڭىز ۋە ئوغرى كىم ئىكەنلىكىنى دىمەستىن سائەتنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئىلان قىلىپ ئىگىسىگە بەردىڭىز. مىنىڭ يۈرىكىم قورقۇنۇچتىن يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغانتى، ئەمما سىز مېنى ۋەسائەت ھېكايەمىنى ساۋاقداشلار - ئۇقۇتقۇچىلىرىمدىن ھىچبىرىگە سۆزلىمەستىن ئىشنى تۈگىتىۋەتتىڭىز .
ئەمدى تۇنۇدىڭىزمۇ؟ ئىسىڭىزگە كەلدىممۇ؟
-ياق.
-ئۇستاز قانداقمۇ ئىسىڭىزگە كەلمىگۈدەكمەن، مەن ئۇقۇغۇچىڭىز ۋە ھىكايەم شۇنداق ئېچىنىشلىق تۇرسا ؟
ئوقۇتقۇچىمۇنداق دەپ جاۋاب بىرىپتۇ:
-مەن سىنى ئەسلا ئەسلىيەلمەيمەن، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئاختۇرغان ۋە شۇ چاغدا ئۆزۈممۇ ئىككى كۆزۈمنى تېڭىۋېتىپ تۇرۇپ ئاقتۇرغانتىم. ئۈزۈم سىلەرگە قېرىندىشىڭلارنىڭ ئېيبىدىن كۆزىڭلارنى يۇمۇڭلار دەپ ئۈزۈم ئەمەل قىلمىسام بولمايدۇدە.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


