ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا
كەچكۈز پەسلى يىتىپ كىلىشى بىلەن سىرتتىكى نۇرغۇن چىۋىنلەر مۇزلاشقا باشلاپتۇ. -بىرەرسىڭلار ياخشاراق ئامال تىپىڭلارچۇ؟ بەك مۇزلاپ كەتتۇققۇ-دەپتۇ ئارىدىن بىر چىۋىن. -ھەي قاراڭلار، ھازىر كەچكۈز پەسلى ھەممە ئنسانلار ئۆيلىرىدە مەشكە ئوت ياقتى، پارلىرىنى ئاچتى مەنچە ئۇلارنىڭ ئۆيى چوقۇم ئىسسىق،-دىدى بىرسى. -توغرا! يىمەكلىكلەرمۇ مول ئۇلاردا، نۇرغۇنلىرى ئىشىپ قالغان تائاملىرىنىڭ ئۈستىنى ياپمايدۇ، تويغۇچە يەپ، تام-تورۇسلاردا خاتىرجەم، بىخارامان ئۇخلايمىز-دىدى يەنە بىر ئانا چىۋىن. -ئەمسە بالىلىرىم بەك، بەك ئىھتىيات قىلىڭلار. ئىنسانلاردا بىزنى قەستلەپ ئۆلتۈرىدىغان ئاماللار كۆپ. مەسىلەن: تەخسىلەرگە سۇيۇقلۇق زەھەر قويۇپ قويىدۇ، قوللىرىغا پالاق ئىلىپ بىزنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ، پۈركۈگۈچتە زەھەرلىك گاز پۈركۈيدۇ ، ئىش قىلىپ ئىنتايىن سەگەك بولايلى-دىدى ئاتا چىۋىن. -بىزنىڭ يالغاندىن ئۆلىۋىلىش ھۈنىرىمىز بارغۇ قوقمايمىز-دىدى تەنتەك بىر چىۋىن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كۆز ئالدىدىكى بۇ ئۆيگە ھۇرررا قىلىشتى. راسلا ئۆي ئىگىسى قولىغا چىۋىن ئۆلتۈرگۈچ پالاقنى ئىلىپ ۋارسىلدىتىپ بىر-بىرلەپ چىۋىنلەرنى ئۇرۇشقا باشلىدى. -ئانا، قانېتىڭغا ئۇرىۋەتكەن ئوخشايدۇ، يالغاندىن ئۆلگەن بولىۋال، جىممىدە مىدىر قىلماي يىتىۋال-دىدى بالا چىۋىن ئانىسىغا. ئۇنىڭغىچە ئۆي ئىگىسى پالاقنى كۆتۈرۈپ يەنە بىر تامغا يۆتكەلدى. -ھەي، ئۆي ئىگىسى قايتىپ مېنىڭ يىنىمغا كەلگۈچە مەن ئۇچۇپ بارىدىغان يېرىمگە بىرىپ بولمامدىم-دىدى ئانا چىۋىن بىپەرۋا ھالدا. ئانا چىۋىن مىدىرلاپ ئۇچۇشقا تەمشەلدىيۇ ئۇچالمىدى، چۈنكى بىر قانىتى ئىغىر زەخمە يىگەن ئىدى. -ئانا، ئۇ كەلدى جىم يىتىۋال-ۋاقىرىدى بالا چىۋىن. ئانا بالىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلار ئەمەس يەنە تىپىرلاپ ئۇچۇشقا تەمشەلدى. -ھوي، كاساپەت! سەن تېخى ئۆلمىگەنما! مانا ئەمسە-ئۆي ئىگىسى كۈچەپ تۇرۇپ پالاق بىلەن ئانا چىۋىننى بىرنى ئۇردى. -ۋايجان! ۋايجان!-ئانا چىۋىن ئىككى قىتىم ۋايساش بىلەن جېنى چىقتى . ئەگەر ئانا چىۋىن بالا چىۋىننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ مەنمەندارلىق قىلمىغان بولسا ھايات قىلىشىدا گەپ يوق ئىدى. -ئاناڭنىڭ سەنچىلىك ئەقلى ئىشلىمىدى، ھەي ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا-دىدى، ئاتا چىۋىن ئىگىز توروسقا قونۇپ تۇرۇپ
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


