大数跨境

كىسەل (ھېكايە)

كىسەل (ھېكايە) aybarawazi
2025-05-08
3
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

ئۇ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺪﻯ.


ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﯘﻣﻠﯘﻗﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻻ-ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻼ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ، ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﺶ-ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻮﻣﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﺴﻪﻟﺨﺎﻧﺎ ﮔﯜﻝ، ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯧﯟﻩ، ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ، ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﺎﺭﺍﺳﯩﻤﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺳﻮﯞﯗﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ: «ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻢ ﺭﺍﺳﺘﺘﯩﻨﻼ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ!» ﺩﻩﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﻯ.


ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯩﺶ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻣﺪﯗ؟ ﺋﯘ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ:


−ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ، ﻣﺎﯕﺎ ﺭﺍﺳﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻪ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯜﻧﯜﻡ ﻗﺎﻟﺪﻯ؟


ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯧﯖﯩﺸﯩﭗ، ﭘﻪﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ:


−ﺩﺍﺩﺍ، ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺴﻪﻥ! ﮪﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﭼﺎﺗﺎﻗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﯦﺪﻯ،-ﺩﯦﺪﻯ.


ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻻﻟﻤﯩﺪﻯ.


−ﺑﺎﻻﻡ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺎ! ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﭘﺘﯘ، ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺴﻪﻥ، ﻣﻪﻥ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻐﯩﺮ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ!


ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﻯ:


− ﺩﺍﺩﺍ، ﻣﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺷﻪﮪﻪﺭﮔﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎ ﮪﻪ!-ﺩﯦﺪﻯ.

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k