大数跨境

قىسقا ھىكايە | تۆگە بىلەن چىۋىن

قىسقا ھىكايە | تۆگە بىلەن چىۋىن aybarawazi
2025-04-27
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بىر تۆگە، شۇنچە جاپالارنى تارتىپ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپتۇ، بىر چىۋىن تۆگىنىڭ دۈمبىسىگە چىقىۋىلىپ ھېچقانداق كۈچىمەيلا، بىللە كەپتۇ. چىۋىن تۆگىنى زاڭلىق قىلىپ:« تۆگە، سېنىڭ شۇنچە جاپالارنى تارتىپ مېنى ئەكىلىپ قويغىنىڭغا رەھمەت، خوش» دەپتۇ، تۆگە چىۋىنغا قاراپ قويۇپ:« سەن مېنىڭ دۈمبەمدىكى چاغدا مەن بىلمەيتتىم، سەن كەتكەندە مەن بىلەن خوشلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى سېنىڭ ھېچقانداق سالمىقىڭ يوق، ئۆزەڭنى بەك چوڭ چاغلاپ كەتمە، سەن ئۆزەڭنى كىم دەپ قالدىڭ؟» دەپتۇ.

ئەنگىلىيە ئاتاقلىق يازغۇچىسى بېرنارد شاۋ بىر كۈنى بىكار قېلىپ، بىر تونۇمايدىغان قىزچاق بىلەن بىللە ئويناپتۇ، گۇگۇم ۋاقتىدا، بېرنارد شاۋ كىچىك قىزچاققا، ئۆيىڭىزگە قايتىپ ئاپىڭىزغا بېرنارد شاۋ ئەپەندىم مەن بىلەن يېرىم كۈن بىللە ئوينىدى دەڭ، دەپتۇ، كۈتۈلمىگەن يەردىن كىچىك قىزچاق ئۇنىڭغا: سىزمۇ ئۆيىڭىزگە قايتىپ ئاپىڭىزغا مارى سىز بىلەن يېرىم كۈن ئوينىدى دەپ قويۇڭ، دەپتۇ. كېيىن، ئۇ باشقىلارغا بۇ ئىشنى سۆزلەپ بېرىپ، ئادەم ئۆزىنى راستتىنلا بەك چوڭ چاغلاپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن دەپتۇ.

ئاتاقلىق مۇزىكانت يىڭ روچېڭ مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ بىر چوڭ ئائىلىدە چوڭ بولغان بولۇپ، ھەر قېتىم تاماق ۋاقتى نەچچە ئون ئادەم بىللە چوڭ زالدا تاماق يەيدىكەن. بىر كۈنى، ئۇ كۆپچىلىككە چاقچاق قىلىپ قويۇش ئۈچۈن، تاماقتىن بۇرۇن، ئاشخانىدىكى ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغان ئىشكاپنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋاپ، كۆپچىلىك ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىغاندا چىقماقچى بولۇپتۇ. لېكىن نەتىجىدە، كۆپچىلىك ئۇنىڭ كەلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلماپتۇ، ھەمدە قورساقلىرىنى تويغۇزۇشۇپ كېتىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۆكۈۋالغان يېرىدىن چىقىپ ئاشقان تاماقنى يەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىگە : مەڭگۈ ئۆزىنى بەك مۇھىم چاغلاپ كەتمەسلىك كېرەككەن، بولمىسا ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدىكەن دەپتۇ.
چوقۇم ئۆزىڭىزنى تونۇشنى بىلىڭ، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى بەك چوڭ چاغلاپ كەتمەڭ. بۇ دۇنيادا، ھەربىر ئادەم شۇنچىلىك مۇھىم، لېكىن يەرشارى ھەر قانداق بىر ئادەمسىز چۆرگىلەشتىن توختاپ قالمايدۇ. ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭ.
ئۆزىنى بەك چوڭ چاغلاپ كەتمەسلىك تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، ئۇ بىر سالماقلىق. جاھاندارلىقتىكى ئىلىم. سىز بۇ خىل پوزىتسىيە بىلەن تېخىمۇ خوشال ۋە سالامەت ياشىيالايسىز. ھەمدە ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەرمۇ سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ، شۇڭا كىچىك پېئىل بولۇشنى ئۆگىنىڭ.
……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0