大数跨境

بىر تال گۈل-ھىكايە

بىر تال گۈل-ھىكايە aybarawazi
2025-04-26
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

تەسىرلىك  ھىكايە  بىر تال گۈل 

بىرئادەم چوڭ يولدا مۇكىدەك ئۆتۈشۈۋاتقان ماشىنىلار ئارىسىدا ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ قىزىل چىراغقا كەلگەندە ئۇستبېشى توپا – تەرەت بىر بالا ماشىنادېرىزىسىنى چېكىپ ئۇنىڭدىن ‹‹تاغا، گۈل ئالامسىز›› دەپ سورىدى. ئۇ بەش يۈەن پۇلنى ئەمدىلا بېرىپ تۇرۇشىغا يېشىل چىراغ يېنىپ، كەينىدىكى ماشىنىلار ئالدىرىتىپ سىگنال بەرگىلى تۇردى.

   ـ قايسى رەڭدىكىسى بولسابولىۋېرىدۇ، دېدى ئۇ بالىغا قوپاللىق بىلەن، تېز بول!

  ـ رەھمەت سىزگە، ئەپەندى، دېدى بالا ئەدەپ بىلەن.

  ئۇ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، بالىغا قىلغان قوپاللىقىدىن خىجىللىق ھېس قىلدى – دە،ماشىنىسىنى يولنىڭ چېتىگە توختىتىپ، بالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ كەچۈرۈم سورىدى.يېنىدىن بەش يۈەن چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە بىر تال گۈل سوۋغاقىلىشنى ئېيتتى. بالا كۈلۈپ تۇرۇپ ماقۇل بولدى.

  ئۇ قايتىپ ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرۇۋېدى، ماشىنا زادىلا ئوت ئالمىدى. بىر ھازا ھەپىلەشكەندىن كېيىن سۆرەيدىغان ماشىنا چاقىرماقتىن باشقا ئامال قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ئۇدۇل تەرەپتىن ماشىنا سۆرەيدىغان بىر ماشىنا كەلدى.

  بىر بالا ماڭا ئون يۈەن بېرىپ، سىزگە ياردەم قىلىشىمنى ئېيتتى، دېدى شوپۇر كابىنكىدىن چۈشۈپ، ئۇ يەنە سىزگە مۇنۇ باغاقچىنى بېرىپ قويۇشۇمنى ئېيتتى.

  ئۇ باغاقچىنى ئېچىپ، ‹‹بۇ بىر تال گۈلگە ۋەكىللىك قىلىدۇ›› دەپ يېزىلغان خەتنى كۆردى.

  كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئىزھار قىلالايدىغان ھەمدە خاتالىقىنى تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ئادەملەر ھەقىقىي ئەقىل ئىگىلىرىدۇر، بۇنداق ئادەملەرنىڭ سەمىمىيىتىھامان جاۋابقا ئېرىشەلەيدۇ.


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k