ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
مەكتەپتىن قايتقان قەيسەر، يېرىم يولغا كەلگەندە ھاۋا تۇتۇلۇپ يامغۇر شارقىراپ قۇيىۋەتتى. قەيسەر يۈگۈرگىنىچە يول ياقىسىدىكى رېمونتچى بوۋاينىڭ رېمونتخانىسىغا كىرىپ پاناھلانغاچ ئاكىسىغا تېلېفون ئۇردى

ـــــ ئاكا ، مەن يېرىم يولدا يامغۇردا قالدىم، ۋاقتىڭ بولسا موتسىكلىتىڭدا لىككىدە كېلىپ ، مېنى ئەكەتكىنە
ـــــ ئۇكام، ئادەم دېگەندە مۇستەقىللىق بولۇشى كېرەك ، سەن كىچىكىڭدىن باشلاپ مۇستەقىللىقنى ، بوران-چاپقۇن ھەم جاپاغا چىداشنى ئۆگىنىشىڭ كېرەك ، شۇڭا سەن پىيادە كېلىۋەرگىن
ئاكىسى تېلېفوننى قويىۋېتىپ سافادا پۇتىنى ئۇزۇن سوزغىنىچە تېلېۋىزور تزگىنىكىنى قولىغا ئالدى
قەيسەر ئاكىسىنىڭ بۇ مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ مەيۈسلەنگىنىچە يامغۇرلۇق يولدا پىيادە مېڭىپ قايتتى
ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتتى . قەيسەر مەلۇم شىركەتنىڭ ئەتىۋارلىق ئالاھىدە شوپۇرىغا ئايلاندى. ئاكىسى مەخمۇت بولسا تېخىچە شۇ ئەبجەق موتسىكلىتى بىلەن تاماق يەتكۈزگۈچى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى
بىر كۈنى ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىش يولىدا موتسىكلىتنىڭ بالونى ئېتىلىپ كەتتى. ئۇ موتسىكىلىتنى بىر ئاز يېتىلەپ ماڭغان بولسىمۇ بىردەمدىلا ھېرىپ چارچاپ كەتتى. ئۇ ئىنىسى قەيسەرگە تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىدى

ـــــ ئۇكام، ئۆيگە قايتىش يولىدا موتسىكلىتنىڭ بالونى يېرىلىپ كەتتى، ۋاقتىڭ بولسا كېلىپ موتسىكىلىتنى ئۆيگە ئاپىرىشىپ بەرگىنە
ـــــ ئاكا، ئادەم دېگەندە مۇستەقىللىق ئېڭى بولۇشى كېرەك ، سەن دېگەن چوپچوڭ بولۇپ قالغان ئادەم ، سەن چوقۇم ئامال قىلالايسەن ئۆزۈڭ ئامال قىلغىن ھە ، مىنىڭ ئىشىم ئالدىراش
دۈت…دۈت…دۈت
تېلېفون ئۈزۈلدى . مەخمۇت توك سوقۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ « ئۆزۈم ئۆگەتكەن دە» دەۋەتتى ئىچىدە
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


