ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
خۇشاللىق بىر خىل كۈچ قۇۋۋەت
مەلۇم بىر خەلقئارالىق شىركەت پىلانلاش باش نازارەتچىلىكىگە خادىم تەكلىپ قىلماقچى بولدى، سىناققا قاتناشقىلى كەلگەن كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ، سىناق ناھايىتى قاتتىق ئىدى. قاتلاممۇقاتلام تاللاشتىن كېيىن، ئاخىرىدا ئۈچ نەپەر مۇنەۋۋەر سىناققا قاتناشقۇچى تاللاندى.
ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىناقتىن ئىلگىرى، ئۈچ نەپەر سىناققا قاتناشقۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نازارەت قىلىش ئاپپاراتى ئورنىتىلغان بىر ئېغىز ئۆيگە قاماپ قويۇلدى. ئۆيدە ھەر خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق، ئەمما يانفون يوق ئىدى، تورغا چىققىلى بولمايتتى. يۇقىرىقى ئۈچەيلەننىڭ يانفونى يىغىۋېلىندى. سىناق ئالغۇچى تەرەپ ئۈچەيلەنگە كونكرېت نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىدى، پەقەت ئۇلارغا ئىمتىھان سوئالىنى ئەكېلىپ بېرىشنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشنى ئېيتتى.
بىرىنچى كۈنى ئۈچەيلەن خېلى ھاياجان ئىچىدە بىر كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇلار كىتاب ئوقۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ مۇزىكا ئاڭلىدى، پەقەت تاماق ئەتكەن ۋاقىتتا ھەر ئۈچەيلەن تاماققا ئانچە ئۇستا بولمىغاچقا، بىر قىسىم مەسىلىلەر كۆرۈلدى، شۇنداقتىمۇ ئۈچەيلەن پايپېتەك بولۇپ ئاخىرى خۇشاللىق ئىچىدە تاماقنى يېدى.
ئىككىنچى كۈنى ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار ئىمتىھان سوئالىنى تاپشۇرۇۋالمىغان بولغاچقا، تىت-تىت بولۇشقا باشلىدى. بىرى توختىماستىن تېلېۋىزورنىڭ قانىلىنى يۆتكەپ، كىتابنى ۋاراقلىغىلى تۇردى، ھەتتا تاماقنىمۇ ئەپلەپ-سەپلەپ يېدى. يەنە بىرى ئۆي ئىچىدە توختىماستىن ئۇياق-بۇياققا ماڭدى، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كەچتە ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدى. ئارىسىدىكى يەنە بىرەيلەن بولسا تېلېۋىزور كۆرۈپ خۇشال-خۇرام ئولتۇردى، مەززىلىك تاماق ئېتىپ يېدى، خاتىرجەم ھالدا ئۇخلىدى…
بەش كۈندىن كېيىن، سىناق ئالغۇچى تەرەپ ئاخىرى ئۈچەيلەننى ئۆيدىن چىقىشقا تەكلىپ قىلدى. قاتتىق تىت-تىت بولغان ئىككى سىناققا قاتناشقۇچىنىڭ چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى، پەقەت باشتىن ئاخىر خۇشال-خۇرام كۈن ئۆتكۈزگەن سىناققا قاتناشقۇچى ناھايىتى روھلۇق ئىدى. يۇقىرىقى ئۈچەيلەن تەقەززالىق بىلەن ئىمتىھان ئالغۇچىنىڭ ئاخىرقى ئىمتىھان سوئالىنى بېرىشىنى كۈتۈۋاتقاندا، باش ئىمتىھان ئالغۇچى سىناق نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، نەتىجىدە كۈنلەرنى باشتىن-ئاخىرى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى قوبۇل قىلىنغان ئىدى. باش ئىمتىھان ئالغۇچى ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققان ئۈچ نەپەر سىناققا قاتناشقۇچىغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خۇشاللىق بىر خىل كۈچ قۇۋۋەت، ھەر قانداق مۇھىتتا خۇشال روھىي ھالەتنى ساقلىيالىغان كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئۈمىد بار.»
تۇرمۇش پەلسەپەسى: ئەقىل-پاراسەت بىلەن يولغا چىققان ۋاقتىڭىزدا خۇشاللىقنى ئېلىۋېلىڭ، خۇشاللىق بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېرىمىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىڭىز.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


