大数跨境

ئۆگزىدىكى ئېشەك

ئۆگزىدىكى ئېشەك aybarawazi
2025-04-06
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

ئۆگزىدىكى ئېشەك

بىر ئېشەك ھەرخىل ئاماللارنى قىلىپ ئاخىرى ئۆگزىگە چىقىپتۇ. كىشىلەر ئۇنى ئورىۋالغاندا، ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن خۇشاللىقىدىن سەكرەپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ، نەتىجىدە ئۆگزىگە ياتقۇزۇلغان خىشنى دەسسەپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىپتۇ. 

ئىگىسى ئېتىزلىقتىن ئىشلەپ قايتىپ كەلگەندە ئېشەكنىڭ ئۆگزىدە قالايمىقانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، دەرھال ئۆگزىگە چىقىپ ئېشەكنى ھەيدەپ چۈشۈپتۇ، ھەمدە ناھايىتى توم تاياق بىلەن ئۇنى قاتتىق ئەدەپلەپتۇ.

«مېنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟ تۈنۈگۈن مايمۇن مۇشۇنداق سەكرىگەن ئىدىغۇ؟ ئۇ چاغدا سەن ناھايىتى خۇشال بولغان، مايمۇن ساڭا شادلىق ئاتا قىلغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم» دەپتۇ ئېشەك ئۇۋال بولغان قىياپەتتە.

«ۋۇ ھاماقەت، ئۆگزىگە چىقىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغانغا سەن مايمۇنمىتىڭ؟ ئۇنتۇپ قالما، سەن دېگەن بىر ئېشەك». دېھقان ئېشەكنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەدەپلەپتۇ. 

ھاياتلىق پەلسەپەسى: بەزى ۋاقىتتا ئۆزىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئويلىمىغان يەردىن باشقىلار تەرىپىدىن ھەيدىلىپ سەھنىدىن چۈشىدىغان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىمىز، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئۆز ئورنىمىزنى تاپالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن. ئادەم بولۇشتا ياكى ئىش قىلىشتا بولسۇن، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئۆزىنى كۆرسەتمەسلىك كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا تەقدىرنىڭ ناچارلىقىدىن ئاغرىنماسلىق زۆرۈر.

………………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k