ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
پاقا ۋە قۇلۇلە
قۇلۇلە ھەمىشە پاقىدىن نارازى بولىدىكەن. بىر كۈنى ناھايىتى ئۇزۇن بەرداشلىق بەرگەن پاقا ئاخىرى قۇلۇلىدىن سوراپتۇ: «قۇلۇلە ئەپەندى، مەن سىزنى خاپا قىلىپ قويغاچقا مۇشۇنداق بىزار بولىسىز، شۇنداقمۇ؟» قۇلۇلە مۇنداق دەپتۇ: «سىلەرنىڭ تۆت پۇتۇڭلار بار، ئۇياق بۇياققا سەكرەپ يۈرەلەيسىلەر، مەن بولسام ئېغىر قاپنى يۈدۈپ يەردە ئۆمىلەيمەن، شۇڭا كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ.» پاقا مۇنداق دەپتۇ: «ئەمەلىيەتتە ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار، پەقەت بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزنى كۆرۈپ، قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆرمىدىڭىز خالاس.» بۇ ۋاقىتتا يوغان بىر بۈركۈت تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىپتۇ، قۇلۇلە دەرھال قېپىغا كىرىۋاپتۇ، پاقا بولسا بۈركۈتنىڭ يېمەكلىكىگە ئايلىنىپ كېتىپتۇ.
ھاياتلىق پەلسەپەسى: ئۆز تۇرمۇشىڭىزدىن ھوزۇرلىنىڭ، باشقىلار بىلەن بەسلەشمەڭ. باشقىلارغا ھەۋەس قىلىش سىزگە تېخىمۇ كۆپ ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆزىڭىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى ئويلاش سىزگە تېخىمۇ كۆپ مىننەتدارلىق ۋە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


