大数跨境

غەلىتە دادام (ھېكايە)

غەلىتە دادام (ھېكايە) aybarawazi
2025-04-16
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

ۋاڭيى تورى يازمىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دادامنى ئاران قايىل قىلىپ شەھەرگە ئېلىپ كىردىم. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئېگىز بىنالارنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە بىر مەنزىرىلىك رايونغا ئوينىغىلى بارماقچى بولدۇق. ماشىنىدىن چۈشكەندە دادام مېنىڭ شوپۇرغا 20 يۈەن بەرگەنلىكىمنى كۆرۈپ: -بىردەملىك يەرگە بېرىشقا نېمىشقا بۇنچە كۆپ پۇل كېتىدۇ؟-دېدى. مەن:

-كۆپ ئەمەس، بۇ ئەڭ ئەرزان ھېسابلىنىدۇ تېخى.-دېدىم. مەنزىرە رايونىدىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن دادام ماشىنىغا ئولتۇرۇشقا ئۇنىمىدى. مەنزىرە رايونىدىن ئۆيگە 10 كىلومېتىر كېلەتتى، مېڭىپ ئۆيگە قايتساق ھېرىپ ھالىمىزدىن كېتەتتۇق. شۇڭا مەن يەنىلا تاكسى چاقىردىم. دادام مېنىڭ ئۇنىڭ گېپىگە كۆنمىگەنلىكىمنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغان ھالدا ئۆزى كېتىپ قالدى. مەن شوپۇردىن قانچە پۇل ئالىدىغانلىقىنى سورىسام شوپۇر ئاز دېگەندە 25 يۈەن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئالدىنئالا شوپۇرغا پۇل تۆلەپ:

-سەل تۇرۇپ دادامنى كۆرگەندە ئىككى يۈەن بەش مو ئالىمەن دەڭ.-دېدىم. شوپۇر مەندىن نېمىشقا دادامنى ئالدايدىغانلىقىمنى سورىدى، مەن:

-دادام يېزىدىن ئەمدىلا كەلگەن، ئۇنىڭ پۇلغا ئىچى ئاغرىپ ماشىنىغا زادىلا ئولتۇرغىلى ئۇنىمىدى.-دېدىم. شوپۇر بىر پەس ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىپ:

-بولىدۇ.-دېدى. شوپۇر ماشىنىنى دادامنىڭ يېنىغا توختاتتى. مەن دادامنى ماشىنىغا چىقىشقا چاقىرسام ئۇ مېنى ماشىنىدىن چۈشۈشكە بۇيرىدى.

-تاغا، سىز چىقىڭ، مەن يولدىن ئۆتكەچ سىلەرنى ئالغاچ كېتەي. پەقەت ئىككى يۈەن بەش مو ئالىمەن.-دېدى شوپۇر. دادام ئەمدى ماشىنىغا چىقىپ، شوپۇرغا ھەدەپ رەھمەت ئېيتىشقا باشلىدى. شوپۇر يول بويى دادامغا بىلەن پاراڭلىشىپ بىزنى ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن دادامغا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى. دادام ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، شوپۇر يەنە مېنى يېنىغا چاقىرىپ، 25 يۈەننى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەچ:

-بۇ پۇلغا تاغامغا ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىڭ.-دېدى. مەن ھەيران بولغان ھالدا:

-سىز نېمىشقا پۇل ئالمايسىز؟-دەپ سورىدىم، شوپۇر:

-دادىڭىز دادامغا بەك ئوخشايدىكەن. داداممۇ شەھەرگە كىرگەندە پۇلغا ئىچى ئاغرىپ ماشىنىغا ئولتۇرغىلى ئۇنىمىغان ئىدى.-دېدى.

-ئۇنداقتا دادىڭىز ئۆيگە نېمىدە قايتاتتى؟-دەپ سورىدىم، شوپۇر:

-ئۇ ئۆيگە پىيادە قايتىپ كېلىۋاتقاندا ماشىنا سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كەتتى.-شوپۇر شۇنداق دەپ بولۇپ كۆزلىرى ياشقا تولغىنىچە ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى. ئۇ ئالمىغان 25 يۈەن پۇلنى مەن ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن…

………………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k