大数跨境

قىسقا ھېكايە

قىسقا ھېكايە aybarawazi
2025-05-23
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

图片

بىر تۈلكە مەلۇم بىر ئۈزۈمزارلىققا كېلىپ قالدى. ئۇ شۆلگىينى ئېقىتىپ ئۈستىدە قىزىرىپ پىشقان بىر ساپ ئۈزۈمگە قارىدى. ئاندىن ئۇ ئالدى ئىككى پۇتىنى ئۈزۈم شېخىغا تىكلەپ بوينىنى سوزۇپ ئۇنى يىمەكچى بولدى. بىراق ئۈزۈم بەكلا ئىگىز يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بويى يەتمىدى. ئىنتايىن تېرىككەن بۇ تۈلكە يەنە بىر قېتىم تەلىيىنى سىناپ باقتى. بۇ قېتىم ئۇ يىراقتىن يۈگىرەپ كېلىپ ئۈستىگە جېنىنىڭ بارىچە سەكرىدى. بىراق ئۇنىڭ ئېغىزى قۇرۇق ھاۋانىلا چىشلەپ چۈشتى. ئۈچنجى قېتىم ئۇ تېخىمۇ تېز يۈگۈرۈپ بارلىق كۈچى بىلەن ئۆزىنى ئۈزۈمگە ئاتتى. بىراق ئەسۇسلىنارلىقى ئۇ يەنىلا قۇرۇق قول يەرگە چۈشتى. ئۈزۈم تۇرماق ئۇنىڭ بىر تەل يوپۇرمىقىغىمۇ ئېرىشەلمىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقلانغان تۈلكە تۇمشۇقىنى ئۈستىگە دومسايتىپ:

__ بۇ ئۈزۈملەر تېخى پىشمىغان تۇرسا، ئاچچىق ئۈزۈمنى نېمىمۇ قىلارمەن.__دىگىنىچە مەغرۇر ھالدا ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى.


 ئىزوپ بۇ مەسەلنى ئىنسانلار تەپەككۇرىدىكى ئورتاق بىر خاتالىقنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يېزىپ چىققان. تۈلكە ئۈزۈمنى ئېلىش ئۈچۈن تېرىشتى، بىراق مەغلۇپ بولدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ پىسخىكىسىېدا كىرزىس پەيدا بولدى. بۇ خىل مۇرەككەپ ھىسىياتنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار. بىرىنجىسى،داۋاملىق تېرىشىپ ئامال تېپىپ ئۈزۈمگە ئېرىشىش. ئىككىنجىسى ئۆزىنىڭ ماھارىتنىڭ يىتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىش. ئۈچنجى خىل ئۇسۇل بولسا يۈز بەرگەن ئىشنى باشقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەش.

دوستۇم،ئەگەر سىز ئاشۇ تۈلكە بولسىڭىز قايسى خىل ئۇسۇلنى تاللايسىز؟ 


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0