ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
يامغۇردىن كېيىن، بىر ئۆمۈچۈك تامدىكى شامالدا يىرتىلىپ
كەتكەن تورىغا قاراپ ماڭدى. تام تىك ھەم نەم بولغاچقا، ئۆمۈچۈكنىڭ سەككىز پۇتى بولسىمۇ تېيىلىپ، قايتا-قايتا چۈشۈپ كەتتى.
بۇ ھالنى كۆرگەن بىرىنچى ئادەم ئېغىر ئۇھ تارتىپ: «ھاياتىم دەل بۇ ئۆمۈچۈككە ئوخشايدۇ. پۇت-قولۇمغا تەگمەي ئالدىراش ئىشلىسەممۇ، روناق تاپالمىدىم.» دەپ خۇرسىنىپ، كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىپتۇ.
بۇ ھالنى كۆرگەن ئىككىنچى كىشى: «بۇ ئۆمۈچۈك ھەقىقەتەن ئەخمەقكەن، نېمىشقا ياندىكى قۇرغاق جايدىن ئايلىنىپ چىقمايدۇ؟ مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدەك ئەخمەقلىق قىلمايمەن.» دەپ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغان بوپتۇ.
ئۈچىنچى كىشى ئۆمۈچۈكنىڭ قايتا-قايتا مەغلۇپ بولسىمۇ ۋاز كەچمەسلىك روھىدىن تەسىرلىنىپ، تېخىمۇ قەيسەرلىشىپ كېتىپتۇ.
ھەر نەرسە ھەر جايدا ھەرخىل مەنا بېرىدۇ مۇھىمى بىزنىڭ قانداق مەنا ئېلىشىمىزدا ھەر ئىشنىڭ ئەڭ ياخشى بولۇش تەرپىنى كۆرۈپ يامان تەرپىنى شاللىۋېتىشنى بىلىشمىز كېرەك
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


