ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
بالا بىلەن دەرەخ
ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بىر تۈپ ھەم ئېگىز ھەم ناھايىتى چوڭ ئالما دەرىخى بولغانىكەن. بىر بالا كۈندە دەرەخ ئاستىغا كېلىۋىلىپ، دەرەخكە يامىشىپ مېۋىسىنى ئۈزۈپ يەيدىكەن، سايىسىدا ئۇخلايدىكەن. ئۇ دەرەخنى ياخشى كۆرىدىكەن، دەرەخمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئويناشنى ياقتۇرىدىكەن.
كېيىن بالا چوڭ بوپتۇ، كۈندە كېلىپ ئوينىمايدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى بالا دەرەخ ئاستىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ، قارىماققا ناھايىتى غەمكىن كۆرۈنۈپتۇ. دەرەخ ئۇنىڭ بىلەن ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، بالا: «ياق، ئەمدى كىچىك ئەمەسمەن، ئەمدى سەن بىلەن ئوينىمايمەن، مېنىڭ ئويۇنچۇق ئالغۇم بار، بىراق پۇلۇم يوق» دەپتۇ.

دەرەخ: «كەچۈرگىن مەندە پۇل يوق، بىراق شېخىمدىكى ھەممە مېۋىنى ئۈزۈپ ساتساڭ، پۇلۇڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟» دەپتۇ.
بالا تولىمۇ ھاياجانلىنىپ، مېۋىنىڭ ھەممىسىنى ئۈزۈۋېلىپ، خوشال ھالدا كېتىپتۇ.
كېيىن، بالا يەنە ئۇزاققىچە كەلمەپتۇ، دەرەخنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بوپتۇ.
بىر كۈنى، بالا ئاخىرى يېتىپ كەپتۇ، دەرەخ خوشاللىقىدىن ئۇنى ئويناشقا چاقىرىپتۇ. بالا: «بولمايدۇ، ۋاقتىم يوق، ئۆيدىكىلەرگە قارىشىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلمىسام بولمايدۇ، بىز بىر يۈرۈش ئۆيگە ئېھتىياجلىق ئىدۇق، سەن ياردەم قىلالارسەنمۇ؟» دەپتۇ.
دەرەخ: «مېنىڭ ئۆيۈم يوق، بىراق ھەممە شاخلىرىمنى كېسىپ ئەكىتىپ ئۆيۈڭگە ئىشلەتسەڭ بولىدۇ» دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بالا ئۇنىڭ بارلىق شاخلىرىنى كېسىپ، خوشال ھالدا بىر يۈرۈش ئۆي سېلىۋاپتۇ، بالىنىڭ خوش بولغىنىنى كۆرگەن دەرەخمۇ تەڭ خوشال بوپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن، بالا قايتا كەلمەپتۇ. دەرەخمۇ يالغۇزلۇق ۋە ئازابقا دۇچار بوپتۇ.
بىر يىلى يازدا بالا قايتىپ كەپتۇ، دەرەخ بەكلا خوش بوپتۇ: «كەلگىن بالام، مەن بىلەن بىرگە ئوينىغىن» دەپتۇ. بىراق بالا: «كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس، كۈنسېرى قېرىپ كېتىۋاتىمەن، مېنىڭ قولۋاقتا دېڭىزغا چىقىپ، ئارام ئالغۇم بار، سەن ماڭا بىر قولۋاق بېرەلەرسەنمۇ؟» دەپتۇ.
دەرەخ: «غولۇمنى كېسىپ ئەكىتىپ قولۋاق ياسىغىن!» دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بالا ئۇنىڭ غولىنى كېسىپ، قولۋاققا ئايلاندۇرۇپ كېتىپ، ئۇزاقلارغىچە قايتىپ كەلمەپتۇ.
دەرەخ خوش بوپتۇ... بىراق بۇ ھەقىقىي خوشاللىق ئەمەسكەن. نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ، بالا ئاخىرى قايتىپ كەپتۇ. دەرەخ: «كەچۈرگىن بالا، ساڭا بېرىدىغان ھېچنەرسەم قالمىدى، مېۋەممۇ يوق بولدى.»
بالا: «چىشلىرىممۇ چۈشۈپ قالمىدى، ئالمىمۇ يېيەلمەيمەن.» دەپتۇ.
دەرەخ يەنە: «سەن يامىشىپ چىققۇدەك شاخلىرىممۇ قالمىدى.»
بالا: «بەك قېرىپ كەتتىم، يامىشالمايمەن.» دەپتۇ.
«ئەمدى ياردەم قىلغۇدەك ھېچنەرسەم يوق...، پەقەت قاقشال بولغان كۆتىكىم بار» دەپتۇ دەرەخ يىغلاپ تۇرۇپ.
بالا: «شۇنچە كۆپ يىللار ئۆتۈپتۇ، ئەمدى چارچىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، ھېچنەرسىگە ئېھتىياجىممۇ يوق، پەقەت ئولتۇرۇپ ئارام ئالغۇدەك جاي بولسىلا بولدى» دەپتۇ.
«ئەجەپ ياخشى، قېرى كۆتەك ئولتۇرۇشقا تازا ماس كېلىدۇ، كەلگىن، ئولتۇرۇپ مەن بىلەن بىرگە ئارام ئالغىن» دەپتۇ دەرەخ، بالا ئولتۇرغىنىدا، دەرەخ خوشاللىقىدىن كۆزىگە ياش ئاپتۇ.

بۇ دەل ھەربىرىمىزنىڭ ھېكايىسى. بۇ دەرەخ دەل ئاتا-ئانىمىز.
كىچىكىمىزدە ئاتا-ئانىمىز بىلەن ئويناشقا ئامراق ئىدۇق... چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئايرىلدۇق، پەقەت بىرەر نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولغىنىمىزدا ياكى ئاۋارىچىلىككە يولۇققاندىلا ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدۇق.
قانداقلا بولمىسۇن، ئاتا-ئانىمىز مەڭگۈ بىز ئۈچۈن ئاتا قىلغانلىرىغا خوش بولۇشىدۇ. بەلكىم بۇ بالا دەرەخكە بەكلا رەھىمسىزلىك قىلدى دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، بىراق بۇ دەل ھەربىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىمىزغا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىزدۇر.
ھاياتلىق بەئەينى مۇشۇنداق، شۇڭا ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلارنى چوقۇم قەدىرلەڭ.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


