ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

-1-
مۈشۈك بىلەن چوشقا ياخشى دوستلاردىن ئىكەن، بىر كۈنى مۈشۈك چوڭ ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ؛ چوشقا بېرىپ ئارغامچا ئېلىپ كەپتۇ، مۈشۈك چوشقىغا ئارغامچىنى تاشلاشنى ئېيتىپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان چوشقا ئارغامچىنى بىراقلا ئازگالغا تاشلاپتۇ.
بۇنى كۆرگەن مۈشۈك جىلە بولۇپ دەپتۇ: سەن بۇنداق ئارغامچىنىڭ ھەممىنى تاشلىساڭ، مېنى قانداق تارتىپ چىقىرىسەن؟
چوشقا چۈشىنەلمەي قايتۇرۇپ سوراپتۇ: قانداق تاشلىشىم كېرەك ئىدى؟
مۈشۈك دەپتۇ: سەن ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى ئۆزۈڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، يەنە بىر ئۇچىنى ماڭا تاشلاپ بەرسەڭ توغرا بولاتتى.
بۇنى ئاڭلىغان چوشقا ئىككىلەنمەستىنلا ئازگالغا سەكرەپ چۈشۈپ، ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتقىنىچە ئەمدى بولدىمۇ دەپ سوراپتۇ. بۇ ۋاقىتتا مۈشۈك يىغلاپتۇ، ئەمما ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىپتۇ. بەزى كىشىلەر ئۇنچە بەك ئەقىللىك ئەمەس، بىراق سىزنىڭ ئۆمۈر بويى ئالاقە قىلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


