大数跨境

ئانىسىنى يۈدىگەن ئۇغۇل-قىسقا ھىكايە

ئانىسىنى يۈدىگەن ئۇغۇل-قىسقا ھىكايە aybarawazi
2025-06-02
3
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


ئانىنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاپ، يول ماڭالمايدىغان، تاماقمۇ يېيەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئوغلى قايتىپ كەلگەندە ئانا يوتقاندا تۈگۈلۈپ ياتاتتى، قېرىلىق ئۇنى  پۈكۈپ قويغان ئىدى

« ئانا » دېدى ئوغلى ئانىسىنىڭ جانسىز قولىنى تۇتۇپ، « كۆڭلىڭىز نېمە تارتىۋاتىدۇ، نېمە يېگۈڭىز بار؟ »

ئانا پەس ئاۋازدا « سىرتلارنى كۆرگۈم كەلدى، بالام ... » دېدى

« ئەمىسە سىزنى يۈدۈپ ئەپ چىقاي » دېدى ئوغلى

لېكىن ئانىنىڭ دۈمبىسىدە ئۇنى تۇتۇپ ئولتۇرغۇدەكمۇ ماجالى يوقتە

ئوغۇلنىڭ يادىغا ئامبار ئۆيدىكى يۈدۈمە سېۋەت كەلدى. بامبۇكتىن توقۇلغان بۇ سېۋەت پۇختا بولۇپ، بىرى ئۈستىدە ئولتۇرسىمۇ ھېچ نەرسە بولمايتتى. ئوغلى كىچىك ۋاقتىدا ئانىسى ئۇنى مۇشۇ سېۋەتكە سېلىپ يۈدۈپ، ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىنى قىلاتتى، سۇ توشۇيتتى، تاماق ئېتەتتى

ھازىر ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئانا سېۋەتتە كىچىك بالىدەكلا كۆرۈنەتتى. ئوغلى ئانىسىنى سېۋەتكە سېلىپ يۈدۈپ يولغا چىقىپ مېڭىشىغا قوشنىلار ئۇنى ماختاپ كەتتى

 كۆكتات بازىرى، كىيىم – كېچەك بازىرى، ئۆستەڭ بويىدىكى قايناق بازارلارغىچە باردى. ھەممە جايدا ئۇنى كۆرگەنلىكى ئادەم ھۆرمەت نەزىرىدە قارايتتى

« ئانا، قىزىق سامسىدىن بىرەنى يەپ باقامسىز؟ » ئوغۇلنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سامسىپەز يەتتە – سەككىز سامسىنى خالتىغا سېلىپ ئوغۇلغا تەڭلەپ :« ئېلىڭ ئۇكام، پۇل ئالمايمەن » دەپ تۇتقۇزۇپ قويدى

« ئانا، شورپا ئىچىپ باقامسىز؟ » دېيىشىگە قاسساپ ئۇستام :« قېنى ئولتۇرۇڭ، قانچىلىك ئىچسىڭىز ئىچىڭ، پۇل ئالمايمەن » دېدى

ئوغۇل ئولتۇرۇپ، ئانىسىنى سېۋەتتىن چىقىرىپ، يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ شورپا ئىچكۈزدى. ئانا شورپىنى ئازراق ئىچىپلا ياندۇرۇۋەتتى. ئاندىن خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىچىك بالىدەك تىرنىقىنى تاتىلاپ قىزىرىپ كەتتى. بىر نەچچەيلەن كېلىپ قەغەز تەڭلەپ ئانىنىڭ ئېغىز بۇرنىنى پاكىز سۈرتۈشتى. بىر مۇنچە ئادەم يانفونلىرىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىۋاتاتتى

ئوغۇل خۇددى ئالاھىدە قوغدىلىدىغان ھايۋاندەك كىشىلەر ئارىسىدا قالدى

« يول بېرىڭلار، مەن بۇ ۋاپادار ئوغۇلنى زىيارەت قىلىۋالاي » نەدىن كەلدىكىن، بىردەمدە مۇخبىرلارمۇ كەپ بولغان ئىدى. ئۇلارمۇ كامېرالىرىنى ئوغۇلغا  تەڭلىشىپ تۇراتتى

ئوغۇل سەل ھەيران بولغاندەك سۆزلەپ كەتتى :« ۋاي نېمە ئىش بولدى؟ ئانام مېنى مۇشۇ سېۋەتتە ئىككى يىل يۈدۈسە ھېچكىمنىڭ كارى يوق، مەن ئانامنى يۈدۈگىلى تېخى ئىككى سائەتمۇ بولمىدىغۇ؟ »……


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k