ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
ئانىنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق
بالىلىق بولغانلىكى ئاياللار ئانا ھېسابلانمايدۇ. ھەقىقىي ئانىنىڭ ئۆتكۈر بىر جۈپ كۆزى بولىدۇ، بۇ جۈپ كۆزلەر ئۆز پەرزەنتىنىڭ ھەممە ئىشىنى كۆرىۋالىدۇ، مېنىڭچە چوقۇم شۇنداق.
مېنىڭ دەل مۇشۇنداق ئانام بار.ھەر قانداق ئىشىم ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ئەمەس. قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە شاكىلات يەپ ئۆيگە كىرگىنىمدە ئۇ ماڭا:
- ساڭا قانچە قېتىم ئېيتتىم، ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارىلىقىدا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېمە دەپ، گەپ ئاڭلىمىغان ئىكەنسەن، كەچلىك تاماقتا تاتلىق-تۇرۇم يېمىگىن.
- سىز قانداق بىلىۋالدىڭىز،- مەن ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم.
- ئانىنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق،-دېدى ئانام،- ھەممە پېشانەڭگە يېزىقلىق.
مەكتەپتىن قايتىپ كەلگىنىمدە ئانام مېنى تازىلىق ئۆيىگە ئۈندەيتتى. مەن ھەيرانلىق بىلەن:
- تەرىتىمنىڭ قىستاپ كەتكەنلىكىنى سىز قانداق بىلىۋالدىڭىز؟
ئۇ مۈرىسىنى چىقىرىپ قويۇپ:
- ھەممە پېشانەڭگە يېزىقلىق تۇرۇپتۇ.
بالاغەتكە يەتكەندە ئوغۇل دوستۇم بىلەن بەزىدە كەچ قالغىنىمدا ئانام ماڭا:
- ھازىر قانچە بولدى بىلەمسەن؟ ئەرلەر ئاسان قولغا كېلىپ قالغان ئاياللارنى ئەمرىگە ئالمايدۇ،- دەيتتى.
- ئۇنىڭ بىلەن سەيلە قىلىپ كىردىم ئانا،- دەيتتىم يالغان سۆزلەپ.
- مېنى ئالدىما،- دەيتتى ئانام،- ھەممە پېشانەڭگە يېزىقلىق تۇرىدۇ، چىقىپ يۈزلىرىڭىنى يۇيىۋالغىن.
ئەينەكتىكى ئۆزۈمگە سىنچىلاپ قاراپ چىقاتتىم، پەقەت گىرىمىم ئازراق بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ. ئەجەبلىنەرلىكى ئانام بىر قاراپلا بىلىۋاپتۇ، ئادەتتە كۆز ئەينەك تاقىمىسا تاللا بازىرىدىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان ئادەم، ئەجەپ مەندىن يىراق ئارىلىقتا تۇرۇپ قانداق بايقىۋالغاندۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ئۇ مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلىۋالاتتى، مەن تېخى ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا:
- ئىزدىمەكچى بولغان نەرسەڭ، ئىشكاپنىڭ ئىككىنچى تارتمىسىدا،- دەيتتى. بۇنداق ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇراتتى.
20 ياشقا كىرگەن يىلىم سىرتتا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردۇم. بىر قېتىم قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغىنىمدا، ئانام تېلېۋىزوردىن خەۋەر كۆرۈۋېتىپ، ناسىلكىدا پەقەت ئىككى پۇتىلا ئېچىلىپ قالغان بىرەيلەننى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، دەرھال دادامنى ئويغىتىپ:
- تېز كىيىنىڭ، دوختۇرخانىغا بارىمىز، قىزىمىز ئاۋارىيەگە ئۇچراپتۇ،-دەپتۇ.
ئاي-يىللار ئانامنىڭ بىۋاسىتە سەزگۈسىنى ئاجىزلاشتۇرالمىدى. يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئانامنىڭ بىۋاسىتە سەزگۈسىمۇ كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇراتتى. ئانام نىكاھ تۇرمۇشۇمنىڭ بەختلىك ياكى ئەمەسلىكىنى، خىزمىتىمنىڭ ئوڭۇشلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى، ھەتتا مېنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ ئەھۋالىمنى بىلىپ تۇراتتى. بىر قېتىم يېزىغا ئىش بېجىرگىلى كېتىپ، بىر نەچچە لۈكچەكلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىدىم، ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ ئۆيگە قايتىپ كىرىشىمگە ئانامدىن تېلېفون كېلىپ قالدى.
- قىزىم،-دېدى ئۇ،- قېنى ئېيتقىنا، زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟
بەش يىل ئىلگىرى ئانام دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ، ئۇ چاغلاردا ئۆيدىن خېلىلا يىراق جايدا خىزمەت قىلاتتىم، ئانامغا كۈندە تېلېفون قىلساممۇ، ئەمما بىرەر قېتىم قايتىپ كەتمىگەن ئىدىم. بىر كۈنى كەچتە، ئولتۇرۇپلا ئانامنى چوقۇم بىر كۆرۈشۈم كېرەك دېگەن ئوي كاللامدىن كەچتى. ئىككىنچى كۈنى، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم ۋە مەھكەم قۇچاقلىۋالدىم.
- قىزىم،دېدى ئانام،- دوختۇرخانىدا ياتقىنىمنى قانداق بىلىۋالدىڭ؟
- ھەممە پىشانىڭىزدا يېزىقلىق تۇرىدۇ،-دېدىم كۆز ياشلىرىمنى سۈرتكىنىمچە.
شۇندىلا مەن گەرچە نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئانىسى بولسىمۇ، ئەمما ئاز ساندىكى تەلەيلىك ئاياللارلا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىزى بولۇشقا مۇيەسسەر بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئانامنى يەنە بىر قېتىم چىڭ قۇچاقلىۋالدىم ۋە « قىزىڭىزنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق» دېدىم.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


