ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
ئىككى تاشچىنىڭ ھېكايىسى
ئىككى تاشچى تاغ باغرىدا تەر تۆكۈپ ئىشلەۋاتاتتى. بۇ چاغدا بىر دانىشمەن بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىر تاشچىدىن: ـ سەن تاشچى بولۇشنىڭ
ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىدىڭمۇ؟

ھېلىقى تاشچى بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، ئامالسىز ھالدا: -شۇنداق، مەن ھەر كۈنى جانسىز تاشلارغا قاراپ تۇرىمەن، بىر ھەيكەلنى ياساش ئۈچۈن، بەزىدە قانچە تال تۆمۈر بىگىزنىڭ ئۇپراپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ بۇ جئاھانغا جاپا تارتقىلى تۆرەلگەن ئوخشايمەن- دېدى ۋە قاداق باسقان ئالقانلىرىنى چىقىرىپ بىچارە قىياپەتتە دانىشمەنگە كۆرسەتتى.
دانىشمەن ئۇنىڭغا ھېسداشلىق بىلەن قاراپ قويدى.
دانىشمەن يەنە بىر تاشچىنىڭ يېنىغا كېلىپ: ـ تاشچى بولۇشنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىدىڭمۇ؟- دەپ سورىدى.

ئۇ دانىشمەنگە خۇشخۇيلۇق كۈلۈمسىرەپ قويۇپ: -ھارغىنىم راست، ئەمما قولۇمدىكى بولقا-بىگىز بىلەن تاشنى ئۇيۇپ، ئۇنى شەكىلگە كىرگۈزگەنلىكىمدىن،جاپا تارتساممۇ شۇ جاپانىڭ ئارىسىدىن خوشاللىق تېپىشقا تىرىشىمەن ھەم مۇشۇ جاپاغىمۇ ئېتىشەلمەيۋاتقان نۇرغۇن يارىماسلار بار،شۇلارغا قارىغاندا قىممىتىم باركەن دەپ ئويلىسام كۆڭلۈم ئارام تېپىپ قالىدۇ. بولۇپمۇ، مەن ئويۇپ چىققان ئاشۇ ھەيكەللەر ناھايىتى يىراق شەھەرلەرگە ئېلىپ بېرىلغاندا، نۇرغۇن كىشىلەرئەسەرلىرىمنى كۆرىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ئىش، مەنمۇ بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن! -دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان دانىشمەن ئۇنىڭ دولىسىغا شاپىلاقلاپ تۇرۇپ: -ئامەت قۇشىمۇ سەندىن پەخىرلىنىدۇ،-دېدى.
نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، ئىككىنچى تاشچى يىراق ـ يېقىنغا تونۇلغان داڭلىق ھەيكەلتاراشقا ئايلاندى، ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسىرى ناھايىتى يۇقىرى باھادا سېتىلىدىغان بولدى. بىرىنچى تاشچى ئىلگىرىكىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان ھالدا ئىشلەۋەردى.دىمەك،پوزىتسىيە-ھاياتلىقنىڭ
ئەھمىيىتىنى يا مەغلۇبىيىتىنى بەلگىلەيدۇ!
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


