ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
قۇلۇپنى ئېچىشتا ئاچقۇچقىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ ،چۈنكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قېلىپلاشقان ئۇسۇلدىن باشقا يەنە ئۆزگىچە چارىسى تېپىلىدۇ .
ياشىنىپ قالغان بىر يەھۇدىي باينىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن . يەھۇدىي باي ئىككى ئوغلىدىن زادى قايسىسىنى مىراسخور قىلىپ تاللاش ھەققىدە جىق ئويلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەپتۇ .
قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلىق چاغلىرى يادىغا يەتكەن يەھۇدى باي، تۇيۇقسىزلا ئوغۇللىرىنى سىناپ بېقىشنىڭ ناھايىتى ئوبدان بىر ئامالنى تېپىپتۇ . ئۇ ئىشىكنى تاقاپ ، ئىككى ئوغلىنى يۈز چاقىرىم يىراقلىقتىكى بىر شەھەرگە باشلاپ بېرىپتۇ ۋە ئۇلارغا بىر باغلامدىن ئاچقۇچنى بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنى بىردىن ئارغىماققا مىندۈرۈپتۇ .
- قېنى قايسىڭلار ئۆيگە بالدۇر بېرىپ ئىشىكنى ئاچالىساڭلار تاپقان تەرگىنىم شۇنىڭ بولىدۇ .
ئىككى ئات تۇياقلىرى يەرگە تەگمەي ئۇچقاندەك چېپىپتۇ . شۇڭا ئىككى بالا ئۆيگە تەڭ يېتىپ بېرىپتۇ. بىراق ئۆينىڭ ئىشىكى قۇلۇپلاقلىق بولغاچقا بۇ ئىككى بالىنىڭ بېشى قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ .
بالىلارنىڭ چوڭى ھېلىقى بىر باغلام ئاچقۇچنىڭ ئىچىدىن ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى زادى تاپالماپتۇ . ئىنىسى يولدا كەلگۈچە ئاتنى چاپتۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ، ھەتتا دادىسى بەرگەن ، ھېلىقى بىر باغلام ئاچقۇچنى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ .
شۇڭا ئۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىسى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قارا تەرگە چۆمۈپتۇ. ئىنىسى تۇيۇقسىزلا بىر ئەقىل تېپىپتۇ . ئۇ بىر پارچە تاشنى ئېلىپ كېلىپ ، قۇلۇپنى بىر قانچىنى ئۇرغان ئىكەن ، قولۇپ چېقىلىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆيگە كىرىپتۇ . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ دادىسىنىڭ مىراسخورى بولۇپتۇ.
يەھۇدىيلار شۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇ : كىشىلىك ھايات قۇلۇپقا ئوخشايدۇ قۇلۇپنىڭ كۆپىنچە ئاچقۇچى بولمايدۇ ، شۇڭا تەقدىرنىڭ ھالقىلىق پەيتلىرىدە ئۇنى ئادەتلەنگەن ئۇسۇل بويىچە ئاچقۇچ بىلەن ئاچىمەن دەپ يۈرمەي ، بىر پارچە تاش بىلەن بىرنى ئۇرۇپ چېقىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ . قۇلۇپنى ئېچىشتا ئاچقۇچقىلا تايىنىۋېرىشكە بولمايدۇ . ئۆز نۆۋىتىدە ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قېلىپلاشقان ئۇسۇلدىن باشقا يەنە نۇرغۇن چارىسى تېپىلىدۇ
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


