ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
بىر دانا كىشى شاگىرتى بىلەن ئېتىزلىقتا كېتىۋېتىپ ،كونا بىر جۈپ ئاياقنى ئۇچرىتىپ قالدى ۋە ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى بىرەر ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان ،ئىشىنى تۈگۈتۈپ ئايىقىنى ئالغىلى كېلىدىغان بىر كەمبەغەل ئەرنىڭ ئايىقى بولسا كېرەك،دەپ ئويلىدى .
شاگىرت داناغا : ئۇستاز، بۇ ئىشلەمچىگە چاقچاق قىلىپ قويساق قانداق ؟! بىز بۇ ئاياقنى تىقىپ قويايلى ،ئۇ ئىشىنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كەلگىنىدە ئايىقىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ قانداق قىلىدىكىن كۆرۈپ باقمامدۇق ؟دېدى .
دانا كىشى شاگىرتىغا :بىز ئۆز كۆڭلىمىزنى باشقىلارنىڭ قايغۇسى بىلەن خۇش قىلساق بولمايدۇ .لېكىن ئوغلۇم سەن باي ،بۇ كەمبەغەلنىڭ ئايىقى ئىچىگە پۇل سېلىپ قويۇپ ،بىر يەرگە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ مۇشۇ قىلغىنىڭنىڭ ئۇنىڭغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باققىن ،ئۆزۈڭنى تېخىمۇ خۇشال قىلىشىڭ مۇمكىن -دەپ جاۋاپ بەردى .
شاگىرتقا بۇ چارە ياراپ قالدى ۋە كەمبەغەلنىڭ ئايىقى ئىچىگە پۇل تىقىپ قويۇپ ،ئۇستازى بىلەن ئۇنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن دەرەخنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنىۋالدى.بىر ئازدىن كېيىن كىيىملىرى جۇل-جۇل بىر ئەر ئېتىزلىقتىكى ئىشىنى تۈگۈتۈپ ئايىقىنى ئالغىلى كەلدى ،كەمبەغەل ئايىقىنى كىيىپ ئىچىدە بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ھەيران بولدى ۋە ئۇنى چىقىرىپ پۇل ئىكەنلىكىنى كۆردى ،يەنە بىر پاي ئايىقىدىمۇ پۇل تۇراتتى،ئۇ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرمەيۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇلغا قايتا -قايتا قارىدى ،ئۇ ئەتراپىغا تەپسىلى قاراپ ھېچقانداق ئادەم يوقلىقىنى كۆردى ۋە پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ ،دەرھال تىزلىنىپ،يىغلىغان ھالدا ئاسمانغا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا:( ئەي ھايات!ئايالىمنىڭ كېسەل , بالىلىرىمنىڭ بىر بۇردا نانمۇ يىيەلمەي ئاچ يۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ بەرگەن ھىممىتىڭگە رەھمەت !مېنى ۋە بالىلىرىمنى ئاشلىقتىن ئۆلۈپ قېلىشتىن ساقلىدىڭ! ) دەپ خىتاپ قىلدى ۋە ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلىدى .شاگىرت بۇنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندى ۋە كۆزلىرى لىق ياشقا تولدى .
ئۇستازى شاگىرتىدىن : سەن ھازىر ئاۋۋالقى چارەڭ بويىچە ئۇنىڭ ئايىقىنى تىقىپ قويۇپ خۇش بولغاندىن بەكرەك خۇشال بولىۋاتقانسەن ؟دەپ سورىدى .

شاگىرت :مەن بۈگۈن ھاياتلىقىمدا ئۇنتۇپ قالمىغۇدەك بىر دەرس ئالدىم .ھاياتىمدا چۈشەنمىگەن بىر گەپنى مانا ئەمدى چۈشەندىم .ئۇ بولسىمۇ «بەرگىنىڭگە ئالغىنىڭدىنمۇ
بەكرەك خۇشال بولىسەن».
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


