大数跨境

ئەل ئىشقىدا كۆيسە چولپان-پاتەم بەكرى

ئەل ئىشقىدا كۆيسە چولپان-پاتەم بەكرى aybarawazi
2025-05-17
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



  ئەل ئىشقىدا كۆيسە چولپان. 


 پاتەم بەكرى. 


 چولپان دېدۇق سەھنىلەردە ئىككى نومۇر ئويناپ قويسا. 

 ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى دەپ ئىچتۇق چولپان شاراپ  قۇيسا، 

 ھالۋا دېدۇق ئۇماچنىمۇ، ئەگەر چولپان يالاپ قويسا. 

 ياغاچ تاغاق ئالتۇن بولدى چولپان باشنى تاراپ قويسا. 

 ئېغىز يەتتى قۇلاقلىرىغا چولپان ئۇچراپ قاراپ قويسا. 


 گۈزەل دېدۇق چولپان بىلەن مودىلىقنى تالاشقاننى. 

  تاشلىۋەتتۇق ئاددىي ئەمما ئۆزىمىزگە ياراشقاننى. 

 پەخىر بىلدۇق كۆكسى ئوچۇق كىيىپ خەقلەر قاراشقاننى. 

 توسالمىدۇق مودا قوغلاپ توغرا يولدىن ئاداشقاننى؟ 

 پۇل بولمىسا نېسى كەيدۇق بىرەر چولپان كىيىپ قويسا. 


 گۈل ياشلىقتا چىت كەيسەكمۇ بىزگە ئەجەب يارىشاتتى. 

 كىمكى ئاددىي، ئىشچان بولسا، ئەل سۆيۈنۈپ قارىشاتتى. 

 قىزىل گۈلدەك  چىۋەر قىزنى بەرنا يىگىت تالىشاتتى. 

 ئوغۇل قىز تەڭ ھەمدەم بولۇپ، ئۆي تۇتۇشقا تىرىشاتتى. 

 تاپقان پۇلغا گىرىم ئالدۇق چولپان ماختاپ سۈرۈپ قويسا. 


 سورۇنلاردا چولپان ئۈچۈن ئايىماستىن پۇلنى ئاتتۇق. 

 شۇ پۇللارنى ئەر ئاياللار مىڭ جاپادا تەستە تاپتۇق. 

 ئەيىبلىسە ھەمرايىمىز كۈنلەمچى دەپ ئەيىپ ئارىتتۇق، 

ئەيىپسىزنى يوقالغىن دەپ تۇتقان ئۆيدىن ھەيدەۋاتتۇق، 

 ئۆيدىكى گۈل كۈل كۆرۈندى چولپان قىزلار كۈلۈپ قويسا. 


 ھەپتە بۇرۇن تەييارلايسەن چولپان ئۈچۈن گۈل دەستىنى. 

 ئىش ئوقەتنى تاشلاپ قويۇپ ئارىلايسەن، باغ-رەستىنى، 

 ئۆيدىكى ئاي كۈتۈپ تۇرار بىلمەي ئەرنىڭ جىن قەستىنى. 

 بالىلىرىڭنى باققاچ يەنە ئىشلەپ چىقار گۈل كەشتىنى. 

 قايتقۇڭ كەلمەس ئۆز ئۆيۈڭگە چولپان كېلىپ ئويۇن قويسا. 


 ھېچ بىر نەرسە قالمىدىغۇ چولپانلىرىم ماختىمىغان، 

كۆككە سورۇپ ساتماستىمۇ سودا-سېتىق ئاقسىمىغان، 

  نەچچە مىڭغا ئالغان دورا يا كېسەلدىن ساقلىمىغان، 

 قالمىدىغۇ ساختىلىقتىن بىزار بولۇپ قاقشىمىغان. 

 راستنى سۆزلەپ چولپانلىرىم ئۆز خەلقىنى ئاياپ قويسا. 


 چولپان ماختاپ ساتقان مالنىڭ ھەممىسىنى ئالغۇڭ كېلەر. 

 تەڭدىن ئارتۇق باھا قوشۇپ پايدا ئېلىپ ساتقۇڭ كېلەر. 

 زىيان تارتىپ، ساختا مالدىن يۇرتنى تاشلاپ قاچقۇڭ كېلەر. 

 پۇشايماننىڭ بۆشۈكىدە نالە قىلىپ ياتقۇڭ كېلەر، 

 يوق، دەپ ھەتتا بېرەلمەيسەن ئاناڭ يۈز كوي سوراپ قويسا.


 قوشاق توقۇپ مەدھىيلىدۇق، چاچرىتىپ شال شۆلگەيلەرنى. 

 نەپنى كۆزلەپ يالغان سۆزلەپ پۇل ئىشقىدا كۆيگەنلەرنى. 

 ماختىمىدۇق كېچە كۈندۈز ئەل غېمىدە يۈرگەنلەرنى. 

 باش چۆكۈرۈپ تەر ئاققۇزۇپ، قىزغىن ئەمگەك سۆيگەنلەرنى. 

 ھۆرمەت تاپاي دېسە چولپان ئۆز ئۆزىنى سوراپ قويسا. 


 قارىغۇلارچە چوقۇنۇشتەك كېسەل بىزگە قاچان يۇقتى؟ 

 چولپانلار مال ساتماستىمۇ ئاچ قالمىغان، قورساق توقتى، 

  ئاددىي كىيىپ ئاز يېسەكمۇ تۇرمۇش خۇشال كۆڭۈل شوختى، 

 نىيەت دۇرۇس، مىھىر چۇڭقۇر، ئالداش ھەم ئالدىنىش يوقتى، 

ئاق-قارىنى ئايرىپ خەلقىم نادانلىقتىن يىراق تۇرسا. 


 ئەل ئىشقىدا كۆيسە چولپان، ئەل قەلبىدە ھۆرمەت تاپار. 

  نەپ كۆزلىمەي راست، سۆزلىسە تىللىرىدىن ئىپار چاچار. 

 مەدھىيلىسە دەۋرانىمنى خەلقىم كەڭرى قۇچاق ئاچار. 

 مېھرى ۋاپا مۇھەببەتنى كۈيلەپ تۇرسا دىلغا ياقار. 

 قانائەتنى  مەشئەل قىلىپ، ئاچكۆزلۇكنى كۆمەپ قويسا. 


 چولپانغا بەك  چوقۇنمايلى، تايىنايلى ئىلىم-پەنگە، 

ئاشسۇن ھۆرمەت ئىھتىراملار پەن-تەخنىكا ئۆگەنگەنگە، 

مىدىتسىنا كەسپىدىنلا شىپا چىقار ئەزىز تەنگە، 

نەپ كۆزلىگەن قارماق تاشلار يەمچۇكنى دەپ يۇگۇرگەنگە، 

ئىلىم-پەننىڭ كۇچ-قۇدرىتى بارچىمىزگە ئايان تۇرسا. 


2025-5-5-كۇنى

قەشقەردە يېزىلدى

 ئاپتور ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيە نۇرى. 

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0