ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى دېھقانلار دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنىغا ئىجارە ھەققى تاپشۇراتتى.
بىر كىچىك قىزچاق ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپ، ئىشىكنىڭ يېنىغا يۆلىنىپ تۇردى.
دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى كىچىك قىزنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قوپال ئاۋازدا: نېمە قىلماقچى سىز؟ دېدى .
قىزچاق بوش ئاۋازدا: ئاپام سىزنى بەش مو قەرز بېرىپ تۇرسۇن دەيدۇ-دەپ جاۋاب بەردى.
ـ مەن بەرمەيمەن، ـ دېدى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى كايىپ، ـ ھازىرلا قايتىپ كېتىڭ.
دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، كىچىك قىزنىڭ كەتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلمىدى.
ئۇ تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرگەندە، ئۇنىڭ يەنىلا شۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى ئىنتايىن غەزەپلەندى
ئۇنىڭغا ھۆركىرەپ: تېخىچە كەتمەپسەنغۇ؟ ھازىرلا كەت، ئەمدى كەتمىسەڭ تاياق بىلەن ئۇرىمەن دېدى.
بولىدۇ ئەپەندىم، دېدى كىچىك قىزچاق، ـ بىراق ئۇ مىدىر ـ سىدىر قىلمىدى.
دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ، ئاشلىق ئامبىرى ياسايدىغان تاختاينى ئېلىپ، غەزەپ بىلەن كىچىك قىزغا قاراپ ماڭدى.
لېكىن ئۇ ئىشىك تەرەپكە ئەمدىلا يېقىنلاشقاندا، قىزچاق ئالدىغا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ، چوڭ كۆزلىرى بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ، ياڭراق ئاۋازى بىلەن: ئاپام ھېلىقى بەش مو پۇلنى ئالماقچى دەپ ۋارقىرىدى.
دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى قەدىمىنى توختىتىپ، قىزچاققا سىنچىلاپ قارىدى، ئاندىن ياغاچ تاختاينى ئاستا قويۇپ، يانچۇقىدىن بەش مو پۇلنى چىقىرىپ، قىزچاققا سۇندى.
قىزچاق پۇلنى ئېلىپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنىغا تىكىلگىنىچە، ئاستا قەدەم بىلەن ئىشىك سىرتىغا چېكىندى.
كىچىك قىزچاق كەتكەندىن كېيىن، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى ئولتۇرۇپ، دېرىزە سىرتىغا قاراپ خېلىغىچە ھاڭۋېقىپ تۇردى.
خۇلاسە :
نىشان كۆز ئالدىمىزدىلا، مۇستەھكەم ۋە ئېگىلمەس ـ سۇنماس ئىرادە بولسىلا، چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ھەر قانچە چوڭ قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇق بولسىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا چېكىنىدۇ.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


