ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىر يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى يۈكنى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا يەتكۈزۈپ بولۇپ، ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كەتمەكچى بولغاندا بىر چاقنىڭ يەل يوق ماكچىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇ دامكرات بىلەن يۈك ئاپتوموبىلىنى كۆتۈرۈپ، زاپاس چاقنى ئالماشتۇردى. ئۇ جىددىيلىشىپ كەتكەچكە ئېھتىياتسىزلىقتىن چاقنىڭ تۆت گايكىسىنى سۇ چىقىرىش ئېرىقىغا چۈشۈرۋەتتى. ئۇ شۇنچە كۈچەپمۇ گايكىنى سۈزۈۋالالمىدى، تىت-تىت بولۇپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى.
بۇ چاغدا بىر روھىي كېسەل بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ شوپۇردىن نېمە مەسىلە چىققانلىقىنى سورىدى. شوپۇر ئىشنىڭ جەريانىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردى. بىمار بۇنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:
−بۇنداق ئاددىي مەسىلىنىمۇ ھەل قىلالمىغان يەردە، بۇ ئۆمرۈڭدە پەقەت يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى بولۇپلا ئۆتۈپ كېتىشىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.
يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى بىر روھىي كېسەل بىمارىنىڭ ئۆزىگە بۇنداق باھا بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ۋە ئاچچىقى كەلدى.
−سەن مەن دېگەن ئۇسۇل بويىچە سىناپ باق،− بىمار ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسىتىشكە باشلىدى،−سەن ئاۋۋال يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ باشقا ئۈچ چاقىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر تالدىن گايكىنى چىقىرىۋال، ئاندىن بۇ ئۈچ گايكىنى يېڭى ئالماشتۇرغان چاققا ئورناتقىن، بۇ چاقنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سەن ئاپتوموبىلنى ئەڭ يېقىن رېمونتخانىغا ھەيدەپ بېرىپ، كەم قالغان گايكىلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇقلىساڭلا بولىدۇ! ئىش مانا مۇشۇنداق ئاددىي، شۇنداقمۇ بۇرادەر؟
بۇ ئەپچىل چارە يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى، ئۇ خۇرسىنغان ھالدا:
−سەن شۇنچە ئەقىللىق تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا بۇ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا تۇرىسەن؟
−بۇرادەر، مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشۇم ساراڭلىقىمدىن، ھەرگىزمۇ دۆتلىكىمدىن ئەمەس!
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


