ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ
ئېزىز تۇرسۇن تەۋەككۈل
تۇغقان كىمنى تۇغقان ئىتىدۇ؟
ئاناڭ ئاشنى كىمگە ئىتىدۇ؟
قەدرىڭگە ئېيىت كىملەر يىتىدۇ؟
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.
******************
داداڭ يوقكى كاتاڭ يوللىرىڭ.
داداڭ يوقكى پاساڭ پۇللىرىڭ.
داداڭ يوقكى قاشاڭ قوللىرىڭ.
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.
*****************
ئاڭلىمايدۇ ھىچكىم ئاھىڭنى.
ئېپ قويمايدۇ ھىچكىم رايىڭنى.
تاپالمايسەن ئورنۇڭ–جايىڭنى.
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.
*****************
«جان» نى قۇشۇپ چاقىرماس ئېتىڭ.
ئىتىبارسىز ئىلتىماس خېتىڭ.
قېپ قالىسەن شۇ يىتىم پېتىڭ.
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.
*****************
ھېيتمۇ ھېيىتتەك ئۆتمەيدۇ ئۇسىز.
ھاجىتىڭمۇ پۈتمەيدۇ ئۇسىز.
غەم–قايغۇلار يۈتمەيدۇ ئۇسىز.
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.
*****************
سەن قايغۇرساڭ بېشىڭ سىلار يوق.
ئۇدۇل تىگەر رەقىپ ئاتقان ئوق.
چۈنكى داداڭ–ساڭا قالقان يوق.
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.
*****************
دادىسى بار،ئاڭلا نەسھىتىم .
ئۈتۈپ كەتمە ئويناپ بۇ پېتىم.
يوقلا ئايدا بولسا مىڭ قېتىم.
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ....
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى.
ئاقسۇ.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


