大数跨境

ھېكايە-كونا لۈڭگە

ھېكايە-كونا لۈڭگە aybarawazi
2025-06-05
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



نىمىشقا بۇ لۆڭگىنى ئىشلىتىسىز ، نىمىشقا مەندىن سورىماي ئىشلىتىسىز؟

نىمىشقا …؟ 

ئۇنىڭ بىر تال كونا لۆڭگە ئۈچۈن بۇنداق ئاچچىقلىنىپ كىتىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم ، قولۇمدىكى لۆڭگىنى زەردە بىلەن ئىلىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى قاتتىق يىپىپ ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتى . 

ئۆزۈمنىڭ نىمىنى خاتا قىلغىنىمنىمۇ بىلمەيلا قالدىم .

ئۇنىڭ ئىچىنىشلىق يىغلىغان ئاۋازى يۈرۈكۈمنى ئىچىشتۈردى نىم قىلىشىمنى بىلمەي تۇرغان جايىمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم…

مەن بىر ھۈنەرۋان ئۇستامنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ ئۆيگە تام قەغەز چاپلاش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم ، بۈگۈن ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ بولغاندىن كىيىن ئادىتىم بويچە ئۆيلەرنى سۈرتۈپ قىپقالغان توپا چاڭلارنى سۈرتۈپ ئاندىن قايتاي دەپ ئويلاپ ، شۇ كونا لۆڭگىنى ئىلىپ تازلاشقا باشلىغان ئىدىم . كىم بىلسۇن بۇنداق خىجالەتچىلىكتە قىلىشنى …

قىزنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياشقا چوڭاراق بىر ئايال يۈگۈرۈپ كىردىدە ماڭا  قاراپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى…

ئۇ ئايالنىڭ ماڭا سوئال نەزىرىدە قارىشى مىنى تىخىمۇ بىئارام قىلدى

ئالاھەزەل  10  مىنۇت  ئەتراپىدا  ئۇ  ئايال  قايتىپ  چىقىپ  ماڭا  قاراپ  بىشىنى  چايقاپ  قويۇپ  سىرتقا  قاراپ  ماڭدى  دەرۋازا  ئالدىغا  بارغاندىن  كېيىن  ئارقىسىغا  ئۆرۈلۈپ  ماڭا  بۇياققا  كىلىڭ  دىگەن   مەنىدە  ئىشارات  قىلدى. 

مەن ئامالسىز ئۇ ئايالنىڭ كەينىدىن ماڭدىم ، ئۇ ئايال ياندىكى ھويلىنى ئىشارەت قىلدى ۋە مىنى باشلاپ چايخانىغا كەلدى . مىنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ چاي دەملەشكە باشلىدى ، مەن ئۈن تۈنسىز جايىمدا ئولتۇرىۋەدىم كاللامدا نۇرغۇن يىشىلمىگەن چىگىش خىياللار. 

چاي دەملىنىپ جوزا قويۇلدى .

ـ قىنى 

چاي ئىچكەچ پاراڭلىشايلى بالام ـ دىدى ئۇ ئايال ،

مىھرىبان مىنىڭ ئالدىمدا چوڭ بولغان ، ئۇ شۇنداق ، جىمغۇر ، كەمسۆز ، ئىچىدىكىنى باشقىلارغا ھەرگىز دىمەيدۇ ئۆزى بىلەن ئۆزى يالغۇزلا يۈرۈيدۇ بۇنى ئۇنىڭدىنمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ بالام دەپ 

ـ 

ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدى …

چوڭ ئانا مەن نىمىنى خاتا قىلغىنىمنىمۇ بىلمىدىم پەقەتلا شۇ كونا لۆڭگىنى ئىلىپ ئۆيدىكى چاڭ توزانلارنى سۈرتىۋىتەي دەپ ئىشلىتىپ قويغىنىمغا ئۇ شۇنداق رەنجىپ كەتتى .…

دىدىم ئۆزۈمنى ئاقلاپ . 


ھەي بالام ئۇ لۆڭگە ئۇنىڭ بىردىن بىر قىممەتلىك نەرسىسى ئىدى ، لىكىن سەن ئۇنى نىمىشقا ئىشلەتتىڭ دەيمەن ، شۇنچە كۆپ لاتا پىتە ئارىسىدا نىمىشقا شۇنى ئىشلەتكەنسە بالام ھەي…


مەن گاڭگىراپ قالدىم ــ


چوڭ ئانا بۇ نىم دىگەنلىرى بىرتال كونا لۆڭگە شۇنداق قىممەتلىكمۇ؟ 


سورىدىم مەن قايتۇرۇپ . 


ھەي بالام ساڭا دىسەم ئۇ لۆڭگە ئۇنىڭ دادىسىدىن قالغان بىردىن بىر دادىسىنىڭ ھىدى بار تەۋەرۈك لۆڭگە ئىدى ، 

مىھرىبان 10 ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى ۋاپات بولۇپ مۇشۇ بىرتال لۆڭگە قىپ قالغان ئۇنىڭ مۇشۇنىڭدىن باشقا ئەتىۋارلىق نەرسىسى يوق دىسەكمۇ بولىدۇ. 

شۇ يىلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە كۆز تەگكەندەكلا بولدى ، مىھرىباننىڭ ئانىسى يىزىلىق دوختۇرخانىدا دوختۇر ئىدى ، مىھرىبان ئانىسى ئىشتىن كەلگىچە تاماق ئىتىپ بىرەي دەپ دىققەتسىزلىكىدىن مايغا ئوت قويۋىتىپ ، شۇنداق چىرايلىق ياسىغان ئۆي كۆيۈپ كەتتى ، بۇ ئىشنى ئاڭلىغان يىراقتىكى دادىسى قىزىدىن ئەنسىرەپ ئۆيگە قايتىش يولىدا ئارام ئالماي ماشىنا ھەيدەپ چارچاپ دەرياغا چۈشۈپ كىتىپ قازا قىلدى ، بىر ئاي ئىزدەپ ماشىننى تاپتى لىكىن دادىسىنىڭ ھىچقانداق ئىز دىرىكى بولمىدى ، شۇ ئىشتىن كىيىن مىھرىبان بىراقلا ئۆزگىرىپ كەتتى …


دەپ كۆز يىشى قىلغاچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ــ


ئانىسىمۇ قىزىدىن ئەنسىرەپ كۈندە غەمدە يۈرۈيدۇ ، مىھرىبانمۇ بۇ يىل 15 ياشقا كىردى . لىكىن ئۇ ئۆزىنى گۇناھكاردەك ھىس قىلغاچقا ، تەڭتۇشلىرى بىلەن پەقەتلا باردى كەلدى قىلىشمايدۇ ، ئۇنىڭ باشقا ساۋاقداش دوسلىرى شۇنداق شوق لىكىن بۇ قىز شۇنداق مىسكىن ھەي بىچچارە قىزىم…

ئىچىم ئاچچىق بىر ئازاپنىڭ ئىسكەنجىسىدە تولغانماقتا ئىدى ، ئارتۇق گەپ قىلمىدىم …


ــ ئۇ لۆڭگىنى ، دادىسى ئىشلەيدىغان جايدىكى بىر كەسىپدىشى ئەكىلىپ بەرگەن . دادىسىدىن قىپ قالغان بىردىن بىر نەرسە ئاشۇ لۆڭگە ئىدى ، ئۇلار شۇ بىرتال لۆڭگە ئۈچۈن ، نەچچە كۈن يىغلىغان ئوغلۇم ، سەن ئۇلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى ئىشلىتىپ قويۇپسەن ئەمەسمۇ بالام…


دادىسى نىمش قىلدىغان ئادەم ئىدى؟ 

سورىدىم مەن…


ـــ دادىسىمۇ ساڭا ئوخشاش ھۈنەرۋەن ئىدى ، ئۇ شۇنداق تىرىشچان ئوڭلۇق ئادەم ئىدىم ، ھۈنەر كەسىپتە ئۇستا بولغاچ قولىدا ئىش جىق ئىدى ، ئۇنىڭ قىشىدا پۇتىغا پۇت  ، قولىغا قول بولىدىغان يىقىنلىرى بار ئىدى  . شۇڭا ئۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ يىراق يىقىنغا نامى چىققان ئۇستام بوپ قالغان ،ياخشى ئادەمگە كۈن يوق دەپتىكەن بالام شۇ ئۆمۈرى كالتە بوپ قالدى ئاران 33 ياشتا كىتىپ قالدى ھەي  ئىسىت…!  

مەن بىر پىيالە  چاينى  ئىچىپ  رەھمەت ئىيتىپ  قايتىپ  چىقتىم  ،  ھويلا  جىمجىت  ،  ئۇ  قىزنىڭ  يىغىسىمۇ  يوق  . مەن  ئاستا  نەرسە  كىرەكلىرىمنى  ئىلىپ  يىنىپ  چىقتم  . بىكەتتە   كوچا  ئاپتۇبۇس  ساقلاپ  تۇرۇپ  ئويلاپ قالدىم  . 

مەنمۇ  بۇ  يىل  33  ياشقا  كىردىم  .  مىنى  تىخى  مەھەللەمدىكى  ئادەملەردىن  باشقىلار  ئانچە  تونۇپ  كەتمەيدۇ ،  ھەتتا  كىردىغان  بىر ماكانىممۇ  يوق  باشقىلارنىڭ  ئۆيدە  قوشنا  ئولتۇرمەن  ،  ھەتتا  يىغىپ  قويغان  پۇل تۈگۈل  قەرزىم  بار  ، مەن  ھۈنەر  قىلۋاتقىلى  ئوننەچچە يىل  بوپتۇ  مىنى  كىم  تونۇيدۇ  ،  ئەتراپىمدا  ماڭا  ئوخشاش  ھۈنەر  قىلۋاتقانلار  كۆپ  ، كۈندە  شۇلار  بىلەن  ئۇچرىشىمەن  ،  ئۇلارنىڭ   ئىسىل   ماشىنلىرى  بار  ، مەن تىخى  كوچا  ئاپتۇز  بىكىتىدە  ماشىن  ساقلاۋاتىمەن  ،  ئۇلارنىڭ  ئۆزىنىڭ  ئۆيلىرى  بار   ، مەن  قوشنا  ئولتۇرۋاتىمەن  ، ئۇلارنىڭ  يىنىدا  يىغىپ  قويغان  پۇللىرى  بار  لىكىن  مەن  باشقىلارغا  قەرىز…

مىھرىباننىڭ  دادىسى  مەندەك  يىشىدا  ، يىراق  يىقىنغا تونۇلغان  ئۇستا  بوپ  ، كىشىلەرنىڭ  ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر  بوپتۇ  . لىكىن مەنچۇ؟ ……

قىزىم  بىلەن  ئايالىمنى  ئەسلەپ  قالدىم  . ناۋادا  ماڭا  بىرەر كېلىشمەسلىك كىلىپ قالسا  ،  ئۇلار  قانداق  قىلار جاي  ماكانسىز كىملەرگە تەلمۈرۈپ  قاراپ  قالا  ھە

ئۇھ……

 دەپ  خۇرسىنىپ  قويدۇم  .  ماشىنا  بىكەتكە  كەلدى  ، ماشىنىغا چىقتىم  كاللامدا  تۈگمەس  خىياللار

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k