ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

.. ئىنسان خاتانىڭ تەمىنى تىتماي تۇرۇپ ، توغرا يولغا ماڭمايدۇ
ياخشى كۆردىغىننى يوقاتماي تۇرۇپ
ئۇنى قانچىلىق سۆيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ … مانا بۇ ھايات …

ھېچكىم ھاياتىم بىلەن باراۋەر ئەمەس،
بەزىلەر ھاياتىمدىن مۇھىم، بەزىلەردىن ھاياتىم. ……

ھايات يۇلۇمدا گەرچە بەك قەيسەرلىك بىلەن ياشاۋاتقان بولساممۇ ، مەنمۇ ئاددى بىر ئىنسان ،مەنمۇ يىقىلىمەن ، تۇرىمەن ، ئەمما ئېسىم جايىدا . نە ئىتتىرگەننــى ئۇنۇتمايمــــەن ، نە يۆلىگەننى ........

نىمـىنى يازاي_بىر سـۈيۈشكە يارىمىـغان مۇھـەببەتنـىمۇ؟
نىمىسىنى دەي_بىر قېتىم كۈلسەم يۈز قېتىم يىغلاتقان دۇنيانى دەيمۇ؟
بىر_بىرنى شۇنچە سۇيۈپ تۇرۇپ رىسقىنى قوشمىغان تەغدىرنى دەيمۇ؟
ئايرىلشقا چىدىمايدىغان تۇرۇپ يەنە بىر سۈيۈشكە يارىمىغان مۇھەببەتنى دەيمۇ؟
قانچە ئەسلىگەنسىرى شۇنچە جىمىپ كىتىدىغان سېغىنىشنى دەيمۇ؟
يوقلىقىڭنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئۆزىنى ئالدايدىغان يۈرەكنى دەيمۇ؟
قانچە ھېرىپ چارچاپ كەتسىمۇ يەنىلا سىنى ئەسلەيدىغان كۆڭۈلنى دەيمۇ؟
قەلبى ئازاپتىن پۇچلىنىپ تۇرسىمۇ يەنىلا كۈلۈشنى ئۇنۇتمىغان چىرايلارنى دەيمۇ؟

مۇزلىسام چوغ بۇلۇپ يانارلار بارمۇ؟
چاڭقىسام سۇ بۇلۇپ ئاقارلار بارمۇ؟
ھاياتنىڭ يوللىرى ئەمەسكەن تەكشى
يىقىلسام قولىنى سۇنارلار بارمۇ؟
____________________________________

…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


