ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
رەيھان يازمىلىرى
كەڭ قورساقلىقنى، ھۆرمەت بەرگەننى دۆتلۈك، خۇش مۇئامىلىنى ئىگىلگەنلىك دەپ چۈشىنىۋىلىپ ئۆزىچە ئېشىۋالىدىغانلارنى كۆرسەم ھەيران قالمايدىغان بولدۇم.
چۈنكى، ھايات ماڭا شۇنى ئۈگەتتىكى:
گۈزەل نەرسىلەرنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئوخشاش دەرىجىدىكى گۈزەل قەلب كېرەك!
ھۆرمەت، قەدىر-قىممەت تۇيغۇسى ئۆز-ئارا بولىدۇ.
ئىززەت-ھۆرمىتىڭىز ئۆزىنى تاپالمىغان ھەر قانداق يەردە ئۆزىڭىزنى قويماڭ.
ئىززەت-ھۆرمىتىڭىزنى كۆرەلمىگەن ھەر قانداق ئادەمدىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ،
قىممىتىڭىزنى بىلمىگەنلەرگە بىر دەقىقىمۇ ئىسراپ قىلىش ھاجەتسىز.

ئېسىل كىيىمنى دوراپ كىيىۋالغىلى بولىدۇ ، بىراق ئېسىل ياشاشنى دورىۋالغىلى بولمايدۇ.
گۈزەل سۆزلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىۋالغىلى بولىدۇ،
بىراق، گۈزەل ھېسلارنى، گۈزەل قەلىبنى ، چۇڭقۇر تەپەككۇرنى كۆچۈرىۋالغىلى بولمايدۇ.
ئاددى ياشىسىڭىزمۇ ئۆزىڭىز بولۇپ ياشاڭ!
ئۆزلىكى بار ئىنسان بىراۋلارنىڭ نەزىرىدە ئەمەس ، ئۆزىنىڭ ، ھەقنىڭ نەزىرىدە ياشاشنى چوڭ بىلىدۇ.
ھەۋەستىن ، ھەسەتتىن خالى گۈزەل تۇيغۇلار ئىچىدە ياشىيالايدۇ، ھەر ۋاقىت تۇرمۇشتىن زوق ئالالايدۇ.
ئىنسان چۈشەنسە ، ئىنساننىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقى ھەم بايلىقى ئۆز روھىيتىدىكى بايقاشلار ۋە زوق ئېلىشتۇر.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


