大数跨境

كۇلكە-پاتەم بەكرى

كۇلكە-پاتەم بەكرى aybarawazi
2025-06-26
0
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




كۇلكە

پاتەم بەكرى


 تەقدىرنىڭ ئىنسانغا ھىممىتى كۇلكە، 

 جاپالىق تۇرمۇشنىڭ، ھېكمىتى كۈلكە. 

 خۇشاللىق شادلىقنىڭ، زىننىتى كۈلكە. 

 مۇھەببەت ۋاپانىڭ خىسلىتى كۈلكە.

 ئامەت ھەم بەخىتنىڭ قىممىتى كۇلكە. 


 بوۋاقمۇ كۆز ئېچىپ، كۈلىدۇ ۋىلىق. 

 كۈلكىدىن يېڭىچە چىقىدۇ قىلىق. 

 ئالدىڭدا پىلتىڭلاپ ئوينايدۇ بېلىق. 

 ئائىلە شاتلىققا چۆمۇدۇ چىلىق،  

 ھاياتنىڭ ئەڭ تاتلىق شەربىتى كۈلكە.


 كۈلگەندە ئوخشايسەن قىپقىزىل گۈلگە. 

 شادلىقنىڭ پەيزىنى قوشۇپ ئال كۆيگە، 

 غەم قايغۇ ھەسرەتنى كۆمۈپ ماڭ چۆلگە. 

 كۈلمىگەن ھاياتنى تەڭ دەيمەن نۆلگە. 

 ئىنساننىڭ ئىپتىخار، شۆھرىتى كۈلكە. 


 كۈلگەندە يۇلتۇزدەك چاقنايدۇ كۆزۈڭ. 

  تىلىڭدىن بال قايماق، چىقىدۇ سۆزۈڭ؟ 

 ئاپتاپتەك ئېچىلىپ پارلايدۇ يۈزۈڭ. 

 بەختلىك سېزىسەن، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ. 

 پاھ، گۈزەل دۇنيانىڭ لەززىتى كۈلكە. 


 قاقاقلاپ كۈلۈپ بەر كەتمەيسەن قېرىپ. 

 قانچە كۆپ كۈلسەڭمۇ قالمايسەن ھېرىپ؟ 

 كۈلكىنى تۇپراقتىن ئالمايسەن تېرىپ. 

 كۈلەلمەي كۈنۈڭنى قىلمىغىن غېرىپ. 

 كۆرگەن كۈن، ئۆمۇرنىڭ بەركىتى كۇلكە. 


 كۆپ كۈلسەڭ يۈزۈڭگە چۈشىدۇ قورۇق. 

 قايغۇرما يۈرىكىڭ ئالىدۇ ئوزۇق. 

 تىپ چەكلەپ ئويناقشىپ قىلىدۇ شوخلۇق. 

 كۆرىسەن جاھاننى باشقىچە يورۇق. 

 كۆز نۇرۇڭ جىسمىڭنىڭ قۇۋۋىتى كۈلكە. 


 كۈلەلمەس ئىنساندىن باشقا ھېچ جانلىق. 

 ھەسەتخور كىشىنىڭ كۇلىشى چاغلىق، 

 تاپمىساڭ.  خۇشاللىق يۈرىكىڭ، ئاغرىق. 

 كۈلۈش ھەم كۇلمەسلىك ئۆزۇڭگە باغلىق، 

 ئالەمنىڭ ياغدۇرغان شەپقىتى كۇلكە. 


 كىمدە يوق، ھاياتتا غەم قايغۇ تەشۋىش. 

  كىملەرنىڭ بېشىدىن ئۆتمەيدۇ كەچمىش. 

 ئېيتقىنە كىملەرنىڭ توققۇزى تەلمىش، 

 قاقشىساڭ زارلىساڭ ھاياتقا سەتمىش. 

 بۇ ھايات بىر كۆرەك، سەنئىتى كۇلكە. 


 كۈلكەڭگە ئىنتىزار ئاشىقتۇر بىرى. 

  بىلىنەر كۆزۈڭدىن كۆڭلۈڭنىڭ سىرى. 

 تاپىدۇ يۇرەكنى يۇرەكنىڭ خىلى، 

 كۈلكىنىڭ ئاشۇنداق بىر قىزىق يېرى. 

 كۈلىۋەر قەلبىڭنىڭ راھىتى كۈلكە. 


 قانغۇدەك كۈل ياشا، ھايات بەك قىسقا. 

  رەنجىتمە كۆڭلۈڭنى ئەرزىمەس ئىشقا. 

 دىققەت قىل، يېقىلما دەسسەپ ھۆل  خىشقا، 

 رەھمەت دە باھار ياز زىمىستان قىشقا، 

 پەسىللەر سوۋغىسى نېمىمىتى كۇلكە. 


 كۈلكىدىن ئۆزۈڭگە تەسەللى تاپقىن. 

 تۈلكىدەك ھىيلىگەر مەھكاردىن قاچقىن، 

  تەڭ كۈلگەن دوستۇڭغا، كەڭ قۇچاق ئاچقىن. 

 ئەتراپقا ئىپاردەك خۇش پۇراق چاچقىن، 

  قىممەتلىك ھاياتنىڭ ھۆرمىتى كۈلكە. 



2025-5-22-كۇنى

ئاقسۇدا يېزىلدى

  ئاپتورى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيە نۇرى. 


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0