大数跨境

بېلىقنى كۆپ يېگەن بالىلار ئەقىللىق بولامدۇ؟

بېلىقنى كۆپ يېگەن بالىلار ئەقىللىق بولامدۇ؟ aybarawazi
2025-08-09
0
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بېلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان يېمەكلىك بولۇپ، شۇڭا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بېلىق گۆشىنى كۆپ يېگۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە مىقدارى ئادەتتىكى بېلىقلارنىڭكىدىن مول. ئەمما شۇ بېلىقلارنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى ئاتا-ئانىلارمۇ ئېنىق بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمدى بىز بىرلىكتە بېلىقىنىڭ بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىدىكى رولىنى كۆرۈپ باقايلى.

بېلىق يېيىشنىڭ زادى قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

1. ئاقسىل تولۇقلايدۇ.

ئاقسىل توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى، يېڭىلىنىشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىنى ساقلايدۇ، ھەربىر ياش باسقۇچىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش ئاقسىلدىن ئايرىلالمايدۇ. بېلىقلار مەيلى تاتلىق سۇ بېلىقى بولسۇن ياكى چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى بولسۇن ھەممىسىدە مول ئاقسىل بار، ماي تەركىبى تۆۋەن ھەم تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كۆپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماگنىي، تۆمۈر قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار.

2. بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

بۇلغانمىغان چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرى تەركىبىدە DHA مول، DHA چوڭ مېڭە، نېرۋا، كۆرۈش سېزىمى ھۈجەيرىلىرىدىكى مۇھىم ياغ كىسلاتا تەركىبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن مۇھىم تەڭشەش رولىغا ئىگە، بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. DHA چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ مېڭىسى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بېلىقنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.

بالىلار بېلىق ئىستىمال قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

1. دېڭىز بېلىقىنى ئالدىن تاللاش

چوڭقۇر دېڭىز بېلىقىنىڭ بېلىق گۆشىدە ئوزۇقلۇق مول، قىلتىرىقى بىر قەدەر ئاز ۋە چوڭراق بولۇپ، بوۋاقنىڭ گېلىدا بېلىق قىلتىرىقى تۇرۇپ قىلىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.

2. بېلىق ئۆتى ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ.

بېلىقنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىدا بىر خىل زىيانلىق ماددا بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن زەھەرلىنىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىدۇ.

3. بىر كۈندە قانچىلىك مىقداردا بېلىق ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

12~7 ياشقىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ بېلىق گۆشى ئىستېمال قىلىش مىقدارى 25 گىرامدىن 75 گىرامغىچە؛ 24~13 ياشقىچە، ~2 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى 50 گىرامدىن 75 گىرامغىچە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ؛

ئەگەر بالا بېلىق يېيىشنى ياخشى كۆرمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟

بەزى بالىلار بېلىق يېيىشنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدۇ، DHAنىڭ قوبۇل قىلىنىشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئازىيىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا، لامنارىيە، راك، ئاق بېلىق قاتارلىق باشقا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشنى ئويلىشىش كېرەك. ئاتا-ئانىلارمۇ بىۋاسىتە DHA يۈسۈن مېيى تولۇقلاشنى ئويلاشسا بولىدۇ، بۇ بىر خىل تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ تەركىبىدە DHA نىڭ بولۇشى، دېڭىز يۈسۈنلىرىنى يېگەندىن كېيىن دېڭىز يۈسۈنلىرى تەركىبىدىكى DHA نىڭ بېلىق ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان. شۇڭا، يۈسۈن مېيى DHAنى تولۇقلاش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرىنى يېمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان DHA كەملىكىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0