ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:
مۇنداق گەپ، ھايۋاناتلار دۇنياسىدىمۇ خۇددى ئىنسانلار دۇنياسىغا ئوخشاش، ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بالىلىرىغا تەربىيە قىلىدىغان ئادەت بار. فوتوگراف پىراتىك خۇمنابادكار ھىندىستاننىڭ يولۋاس قوغداش رايونىدا ئىككى يولۋاسنىڭ دەھشەت «ئۇرۇشىۋاتقانلىقى»نى سۈرەتكە تارتىۋالدى.
ئەسلىدە، بۇ ئانا-بالا يولۋاس بولۇپ، بالاغەتكە يېتىپ قالغان بالىسنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئانا، ئوغلىنى چاقىرىپ: «قارا بالام، سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ، كەچكىچە مېنىڭ يېنىمدا تۇرىۋەرسەڭ بولمايدۇ، ساڭا بىر قانچە ماھارەتلەرنى ئۆگىتىپ قوياي، قارا ھە»، دېدى. بىراق بۇ يولۋاس بالىسى سەل ھورۇنمۇ ياكى ئاپىسىغا ئەركىلىۋالدىمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ سەل ئۆگەنگۈسى يوقتەك قىلاتتى.
يولۋاس ئانا ئوغلىنىڭ «يارىماسلىقى»دىن قاتتىق ئاچچىقى كەلدىمۇ قانداق، نېرى-بېرىنى ئويلاشمايلا بىر چېلەك سۇنى ئەكىلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ: «ماڭا غىدىڭ-پىدىڭ قىلغۇدەك بولدۇڭما؟»، دېدى. (يولۋاس دېگەن يەنىلا يولۋاستە، ئازىراقمۇ مەسلھەتلىشىش كەتمەيدۇ).
تۇيۇقسىزلا شالاققىدە تۆكۈلگەن بىر چېلەك سۇدىن ئەندىكىپ كەتكەن يولۋاس بالىسى «ئاپام چاقچاق قىلمايۋېتىپتۇ، ئۆزۈمنى بىلەي» دېگەنلەرنى ئويلىدى-دە، رايىشلىق بىلەن «تەسلىم» بولۇشنى تاللىدى.
بالىسنىڭ سەل «يۇمشاپ» قالغانلىقىنى كۆرگەن يولۋاس ئانا: «ھە... ما ئىشىڭ بولىدۇ»، دەپ يەنە بىكاردىن-بىكارلا «چاڭڭىدە» قىلىپ بالىسىنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى.
بۇنىڭدىن قىزىتمىسى 80گە چىققان يولۋاس بالىسى، تاقەت قىلىپ تۇرالماستىن: «نېمە قىلغىنىڭ بۇ، باياممۇ بىكاردىن-بىكارلا سۇ چېچىۋالدىڭ، مەن سېنىڭ بالاڭ تۇرسام، نېمە مېنى ئۇرۇپ يۈرىسەن» دەپلا چۈشتى. يولۋاس ئانا بولسا دۈشمەن سېنى ئاياپ يۈرەمتى، ئېلىشىش دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ، دەپ «كوتۇلداش»قا باشلىدى.
بىراق يولۋاس بالىسىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن بولسا كېرەك، «ئاپام دەپ جىم تۇرۇپ بەرسەم، ئەمدى... مانا ئەمسە، سەن ماڭا يۈز بەرمىگەندىكىن، مەنمۇ بوش ئەمەس» دەپلا، شالاق-شۇلۇق ئاپىسى بىلەن «مۇشتلىشىپ» كەتتى.
ئاخىرىدا ئانا-بالا ئىككەيلەن مۇشتلىشىپ چارچاپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇف... بولدىلا، مۇشۇنچىلىك بولسا، يېتەر دېگىنىچە، تۇيۇقسىز كامېرانىڭ قادىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئاپلا، چاتاق... تاكتىكىمىز ئاشكارىلىنىپ كېتىدىغان بولدى»، دېگەنلەرنى ئويلىغنىچە قاراپلا قالدى.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


