大数跨境

كۆڭۈل-كۆكسىڭىز كەڭ بولسۇن

كۆڭۈل-كۆكسىڭىز كەڭ بولسۇن aybarawazi
2025-07-11
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


قادىر يۈسۈپ

    ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن پەرزەنتتىن قىممەتلىك بايلىق بولمىسا كېرەك. ئۇلار پەرزەنتلەرنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، پەرزەنتلىرىنى مېھىر بۆشۈكىدە ئەللەيلىتىدۇ. ئەمما، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىگە كۆيۈنگۈچىلەرلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى تەربىيىلىگۈچىلەردۇر. شۇڭلاشقا پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىلار يەنىلا كۆيۈنۈش بىلەن تەربىيىلەشنى، تەلەپچان بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. قېنى ئەمىسە تۆۋەندىكى «بالاڭغا نان بەرگۈچە نان تېپىشنى ئۆگەت» ناملىق مەسەلگە قۇلاق سالغايسىلەر. بۇ مەسەل سىلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەش يولۇڭلاردىكى ئۆرنەك بولۇپ قالغۇسى.

 ئانا قاغا ئۇۋا ياساپ، تۇخۇم باسماقچى بولۇپتۇ. ئۇ ئاتا قاغا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ «ئەڭ ياخشىسى ئۇۋىنى ئېگىزرەك يەرگە ياسايلى، بولمىسا كەپسىز بالىلار تۇخۇمىمىزنى ئېلىپ كېتىدۇ» دەپ پۈتۈشۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئورمانلىقتا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ يۈرۈپ، ئۇۋا ياساشقا باب ئېگىز بىر دەرەخنى تېپىپتۇ-دە، چاۋا-چاتقال، قۇش پەيلىرىنى تۇمشۇقىدا توشۇپ، ئىككى-ئۈچ كۈندىلا ئۇۋىسىنى ياسىۋاپتۇ.

  ئانا قاغا ئۇۋا پۈتكەندىن كېيىن تۇخۇم تۇغۇپ بېسىپ يېتىپتۇ. ۋاقتى-سائىتى توشقاندا قاغا بالىلىرى تۇخۇمنى يېرىپ چىقىپتۇ. ئانا قاغا بالىلىرىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ بېقىشقا باشلاپتۇ. قاغا بالىلىرى ھەممە نەرسىگە ھەۋەس قىلغاچقا، دائىم بېشىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىۋېلىپ، ئۇياق-بۇياقلارغا ھەيرانلىقتا قارىشىدىكەن. ئانا قاغا بۇنداق ۋاقىتتا بالىلىرىنى جىملەپ، قانىتى ئاستىغا ئېلىۋالىدىكەن. ئەمما قاغا بالىلىرى چوڭ بولغانسېرى گەپ ئاڭلىماي ئوغرىلىقچە ئۇۋىسىدىن چىقىۋالىدىكەن. ئانا قاغا بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئاتا قاغىغا:

 - بالىلىرىمىز مۇشۇنداق كەپسىزلىك قىلىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، بىرەر پېشكەللىك تاپسا قانداق قىلىمىز؟ شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى، پەسرەك جايغا يېڭى بىر ئۇۋا ياساپ يۆتكەلسەك قانداق؟-دەپ مەسلىھەت ساپتۇ ۋە بىرلىككە كېلىپ بىر تۈپ پاكار دەرەخنىڭ ئاچىسىغا ئۇۋا ياساپتۇ.

   قاغا بالىلىرى يېڭى ئۇۋىسىدا كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىپتۇ. ئاتا-ئانا قاغىلار كۈنبويى ئالدىراشلىق بىلەن باچكىلىرىغا ئوزۇق ئىزدەش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئۇلارغا ئۇچۇش ماھارىتى ئۆگىتىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. ئۇچۇشنى بىلمىگەن قاغا بالىلىرى ئۇۋىسىدا يېتىپ يەپ، سەمىرىپ كېتىپتۇ.

بىر كۈنى، ئاتا قاغا بىلەن ئانا قاغا ئوزۇق ئىزدەپ كەتكەندە، ئىككى بالا ئورمانلىقتا كېتىپ بېرىپ، ئۇچالماي يۈرگەن قاغا بالىلىرىنى قىينالمايلا تۇتۇۋېلىپ ئېلىپ كېتىپتۇ. ئاتا-ئانا قاغا قايتىپ كەلسە، بالىلىرى ئۇۋىسىدا يوق. دەل شۇ چاغدا بىر تۆمۈر تۇمشۇق ئۇچۇپ كېلىپ، بولغان ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاتا-ئانا قاغىلار ھەسرىتىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي قار-يامغۇر يىغلاپتۇ. تۆمۈر تۇمشۇق ئۇلارغا.

 - ئەي ئاتا-ئانا قاغىلار، سىلەر بالىلىرىڭلارنى ئوبدان باققان بىلەن، ھە دېسە ئەنسىرەپ، ئۇچۇشنى، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى، جاپالىق مۇھىتقا ماسلىشىشنى ئۆگەتمىدىڭلار. شۇڭا، مۇشۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى. دەيدىغىنىم، ساۋاقنى ئۇنتۇپ قالماي، بېقىشنىمۇ بىلىڭلار، ئۆگىتىشنىمۇ بىلىڭلار،-دەپتۇ

بۇ ئەسەر « شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى» تورىدىن ئېلىندى.

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k