大数跨境

ھارغان چېغىڭىزدا، بۇ گەپلەرنى ئەستە تۇتۇڭ

ھارغان چېغىڭىزدا، بۇ گەپلەرنى ئەستە تۇتۇڭ aybarawazi
2025-07-10
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بەرداشلىق بېرەلمىگەنلەر چېكىنىدۇ، بەرداشلىق بېرەلىگەنلەر ئۈزۈپ چىقىدۇ. ھېچبىر كىمگە ئاسان ئەمەس، ھەم تۇرمۇشتا كۆڭۈلدىكىدەك بولىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ بولۇۋەرمەيدۇ. ھېچكىم  قەيسەر تۇغۇلمىغان، ئۇ پەقەت بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپقان خالاس. شۇڭا، ھارغىن چېغىڭىزدا، تۆۋەندىكىلەرنى ئەستە تۇتۇڭ.

1

مەنمەنلىك، بەس تالىشىش بېسىمىنى ئازايتىڭ

رىتىمى تېز تۇرمۇش ۋە كەسكىن رىقابەت كىشىلەرگە شەكىلسىز بېسىملارنى ئارتىپ قويدى. شۇ ۋەجىدىن بەزىلەرنىڭ كەيپىياتى ئوساللىشىپ، يېنىدىكىلەرگە ئۇتتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن كۈن-تۈن دېمەي قاتراۋاتىدۇ. ئۇلاردىكى بۇنداق كۆڭۈل ھارغىنلىقى ئېرىشكەنلىرىنىڭ بەكلا ئازلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بەس تالىشىدىغان ئىشلىرىنىڭ بەكلا تولىلىقىدىن.

ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا تۇرمۇش ئۇسۇلى بولىدۇ. مۇۋاپىق بەس تالىشىش ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە تۈرتكە. ئەمما ھەددىدىن ئاشقان مەنمەنلىكتىن ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويىسىز. باشقىلارنىڭ كاتتىلىقلىرىنى دەپ قەلب ئىنتىلىشلىرىڭىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويماڭ.

قارىغۇلارچە مەنمەنلىكنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغىنى خۇشاللىق ئەمەس. ئۆزىڭىزگە لايىق ئورۇننى تېپىڭ-دە، ئۆزىڭىزگە لايىق تۇرمۇش يولىدا مېڭىڭ.


2

قەدىمىڭىزنى ئاستىلىتىڭ، ئۇھ دەۋىتىپ ئاندىن قايتا ئاتلىنىڭ

ھايات بىر مەيدان مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى. پەللىدىن بىرلا ئاتلانغان پېتى ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بارالايدىغان ھېچكىم يوق. ئارىلاپ قەدەمنى ئاستىلىتىش قەدەم ئېلىشتىن توختىغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇھ دەپ بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن قايتا ئاتلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۈچكە تولۇپ ئاخىرقى نۇقتىغا ئاتلىنىش ئۈچۈندۇر.


شۇڭا، ھارغان چېغىڭىزدا، قەدەملىرىڭىزنى توختىتىڭ-دە، بۇ ئىشلارنى سىناپ كۆرۈڭ: ئۆزىڭىزگە بىر ۋاق مەززىلىك غىزا راسلاپ بېقىڭ؛ ھەپتە ئاخىرىدىكى بىرەر كۈنىڭىزنى ئازادە، غەمسىز ئۆتكۈزۈڭ، ئۆي-ھۇجرىڭىزنى قايتىدىن جابدۇپ باقسىڭىزمۇ، كەيپىياتىڭىزمۇ باشقىدىن يېڭىلىنىپ قالىدۇ؛ لەرزان مۇزىكىلارنى قويۇپ، ئوبدان بىر يۇيۇنۇڭ، ئاندىن بالدۇرلا ئۇخلاپ ئەتىسى سەھەر تۇرۇڭ، بۇ كۈن سىزگە يىپيېڭى بىر كۈن بولۇپ تويۇلىدۇ.

ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھارغان چېغىڭىزدا، قەدىمىڭىزنى مۇۋاپىق ئاستىلىتىپ ئۇھ دەۋىلىڭ، ئاندىن يېڭىباشتىن ئاتلىنىڭ.


3

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاسان يولى يوق، يەنە بىزە بەرداشلىق بەرسىڭىز سەھەر قۇياشىنى كۆرەلەيسىز

چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن نەتىجىلىنىشى ناتايىن. ئەمما، ۋاز كەچسىڭىز ئاخىرقى پەللە بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىسىز. بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان چاغلىرىڭىزدا ئۆزىڭىزگە ”مەن بەك چارچىدىم“ دەڭ، ئەمما كۆڭلىڭىزدە خۇددى تەن بەرگەندەك ئاسانلىقچە ”مەن بولالمىدىم“ دەپ سالماڭ.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ماڭىدىغان يولى بولىدۇ. كىمنىڭ ئىشى كىمنىڭكىدىن ئاسان دەيسىز. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ نۇرلۇق تاجىنى تاقاش ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇشەققەتلىرىنى زىممىڭىزگە ئالماي ئىلاج يوق. ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كەينىگە چىشنى چىشلەپ تىرىشىشلار ۋە چىڭ تۇرۇشلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ھارغىنلىق ھېس قىلغان چېغىڭىزدا، ئۆز-ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرۈڭ. چۈنكى، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، سىز يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەۋاتىسىز، مۇۋەپپەقىيەتكە بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىسىز.

چىڭ تۇرسىڭىز، شۇنى چۈشىنىپ قالىسىزكى، دەسلەپتە سىز بەرداشلىق بېرەلمەيمەن دېگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىلىپ-بىلمەيلا ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ دەسلەپتە ئىشقا ئاشۇرمىقىم بەك قىيىن دەپ قارىغان نىشانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىڭىز نەتىجىسىدە ھامان ئىشقا ئاشىدۇ.


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0