大数跨境

بۇنداق دوستى بولۇش بىر ئۆمۈرلۈك بەخت !

بۇنداق دوستى بولۇش بىر ئۆمۈرلۈك بەخت ! aybarawazi
2025-07-08
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


تۇرمۇشىڭىزدا مۇنداق بىر كىشىلەر بولىدۇ، سىز بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋېتى بولمىسىمۇ لېكىن سىزگە چوڭقۇر مىھىر ئاتا قىلىدۇ! بەزىدە يىگىتىڭىز ياكى يولدىشىڭىزغا، تۇغقانلىرىڭىزغا دىيىلمىگەن سۆزلەرنى ئۇلارغا دەيسىز، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەڭ ھەقىقىي ئۆزىڭىز بولۇپ خۇشال ياشىيالايسىز، بۇ دەل دوستلۇق.

ھەقىقىي دوستلۇق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلاپ كەتمەيدۇ

بەزى دوستلار بىلەن بىللە تۇرغاندا شۇنچىلىك يېقىن ھېس قىلىسىز، لېكىن ئازراق ۋاقت ئايرىلغاندىن كىيىنلا بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز. قانداق ئۆزگەرگىنىنى دىيەلمەيسىز، لېكىن بۇ ھېسيات بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالغان.

يەنە بىر خىل دوستلار بىلەن ئۇزۇن كۆرۈشمىسىڭىزمۇ بىر يەرگە كەلگەندە يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش راھەت ھېس قىلىسىز. سىز ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدا پەيدا بولىدۇ، ھېچ ئىش بولمىغاندا ئۇمۇ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلمايدۇ. مەيلى قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقت ئايرىلىپ كەتكەن بولساڭلارمۇ مۇناسىۋېتىڭلار ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. 

!ھەقىقىي دوست يارىڭىزغا تۇز سەپمەيدۇ

بۇ خىل دوستىڭىزغا نېمە گەپ بولسا ئۇدۇل دەيسىز، نېمە ئىش بولسا ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالىسىز، چۈنكى سىز ئۇنىڭغا ئىشىنىسىز!

ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىدا مەخپىيەتلىك يوق دىيەرلىك، ئۇ سىزنى تولۇق چۈشنىدۇ، سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز ۋە كەمچىللىكىڭىزنى بىلىدۇ، باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان ئىشلىرىڭىزنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇ سىزنىڭ يارىڭىزغا سۇ سەپمەيدۇ.

كەمچىلىكىڭىزنى ئېچىش ئارقىلىق ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىغا ئىگە بولۋالمايدۇ، سىزنىڭ باشقىلارغا بىلدۈرگىڭىز يوق ئىشلارنى باشقىلارغا دېيىش ئارقىلىق ئۆزىگە خۇشاللىق تاپمايدۇ. سىزنى ھۆرمەيلەيدۇ، سىز بىلەن مۇۋاپىق ئارلىقنى ساقلىيالايدۇ.

يەنە بەزى دوستلار قارىماققا سىز بىلەن يېقىن ئۆتىدۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ياخشى بولىۋالىدۇ،  لېكىن كەينىڭىزدىن گەپ تاپىدۇ، مازاق قىلىدۇ، سىز قىيىنچىقلىقتا قالسىڭىز خۇش بولىدۇ، سىز نەتىجە قازانسىڭىز سىزگە يەنە ياخشىچاق بولىۋالىدۇ، مانا بۇ ساختا دوستلۇق. بۇ خىل دوستلار بىلەن ئارلىق ساقلاش ئەڭ ياخشى تاللاش.

تۇرمۇشتا ھەقىقىي دوستنى ئۇچرىتىش تەس، ئەگەر ئەتراپىڭىزدا ھەقىقىي دوستلىرىڭىز بولسا چوقۇم قەدىرلەڭ! بەزىدە دوستلۇق سىزنى مۇھەببەتىنمۇ بەكرەك تەسىرلەندۈرەلەيدۇ!


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k