ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
كىشىلىك ھايات دېگىنىمىز باشتىن كەچۈرۈشكە تېگىشلىك بولغاننى چوقۇم باشتىن كەچۈرۈش، باش قاتۇرىدىغان ئىشقا چوقۇم باش قاتۇرۇش، مېڭىشقا تېگىشلىك بولغان يولدا مېڭىش، ھېس قىلىشقا تېگىشلىكنى ھېس قىلىش دېگەنلىكتۇر.
كىشىلىك ھايات-ساقلانغىلى بولمايدىغان، ھېس قىلىش تەس بولغان، بەرداشلىق بېرىش قىيىن بولغان ئىشلارنى زىممىسىگە ئېلىشتۇر.
كىشىلىك ھايات-ئۆزى يىغلاپ ئۆزى كۈلىدىغان، پۇل، بايلىق، نام-مەنپەئەت ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدىغان بىر مەيدان چۈشتۇر.
ھايات نىشانى خاتا بولسا، توختاپ قېلىشنىڭ ئۆزى بىر مۇۋەپپەقىيەت
ئادەم ھامان ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بايقىيالمايدۇ، بەزىدە خاتالىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆزىنى توختىتىۋالالماي، قايتا-قايتا خاتالىشىدۇ. توغرا بولغان ھايات يۆنىلىشنى تۇتۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇڭ.
دۇنيادىكى ئېزىقتۇرۇشلار ناھايىتى كۆپ، ئاسماندىن ھەرگىز بىكارلىق پوشكال چۈشمەيدۇ، بىر مەھەللىك خۇشاللىقنى دەپ ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ، ئەگەر بىرەر ئىشتا خاتالىقنى بايقىسىڭىز، دەرھال توختاپ قېلىڭ.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


