大数跨境

مۈشۈكنىڭ ئىگىسى بىلەن بولغان سودىسى

مۈشۈكنىڭ ئىگىسى بىلەن بولغان سودىسى aybarawazi
2025-08-28
4
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


مەلۇم بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن چاشقان بار ئىكەن، ئۇلار ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۆيدە تاقلىشىپ، سەكرىشىپ، ئۇ يەر بۇ يەرلەرنى غاجاپ ئارامچىلىق بەرمەپتۇ. ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغىنى، چاشقانلار دېھقاننىڭ نۇرغۇن ئاشلىقنى ئىسراپ قىلىۋېتىپتۇ. دېھقان چىدىغۇسىز دەرىجىگە يېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چىرايلىق بىر مۈشۈك ئېلىپ كېلىپ ئاشلىقلارنى ساقلاشقا قويۇپتۇ. لېكىن تۇتقان چاشقىنىغا قارىتا مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مۈشۈك ناھايىتى خۇشال بوپتۇ.


بىرىنچى كۈنى بۇ چىرايلىق مۈشۈك بىر دانە كىچىك چاشقان تۇتۇپتۇ. دېھقان چاشقاننىڭ كىچىكلىكىنى كۆرۈپ، بېلىقنىڭ ئۇستىخىنىنى بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:


ـــ چوڭ چاشقان كۆپ ئاشلىقنى تۈگىتىدۇ. كىچىك چاشقان ئاز ئاشلىقنى تۈگىتىدۇ. 10 دانە كىچىك توشقان تۇتساڭمۇ، بىر دانە چوڭ چاشقان تۇتقانغا تەڭ قىلمايمەن. ياراتقان تۆھپەڭگە قاراپ تارتۇقلايمەن!


ئىككىنچى كۈنى يەنە بىر كىچىك چاشقان ئاشلىق ئوغرىلىغىلى كېلىپتۇ. مۈشۈك كۆڭلىدە: ئۇنى تۇتقىنىم بىلەن پەقەت بىر بېلىق ئۇستىخىنىغا ئېرىشىمەن. شۇڭلاشقا ئۇنى ئامباردا ياخشى باقسام ھەم سېمىز ھەم چوڭ بولغان ۋاقىتتا ئۇنى تۇتۇپ ئىگەمگە كۆرسىتىمەن. لېكىن 


ئامباردىكى نۇرغۇن ئاشلىقنى يەپ كېتىدىغان بولدى، دەپ ئويلاپتۇ.


دېھقان چاشقاننىڭ مۈشۈكتىنمۇ يوغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قانچىلىك كۆپ ئاشلىقنى ئىسراپ قىلىۋەتكىنى بىلەن ھېسابلاشماستىن، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، مۈشۈكنى دەرھال ئىككى تال تاپان بېلىق بېرىپ تارتۇقلاپ، ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:


ــ سېنىڭ تۆھپەڭ ناھايىتى چوڭ، بۇنىڭدىن كېيىن  مۇشۇنداق چوڭ چاشقانلارنى كۆپلەپ تۇتۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن.


پەقەت يۈزەكى نەتىجىنى كۆرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ھاماقەت، مەن چاشقان باققۇدەك يەنە قانچىلىك ئاشلىقىڭ بار  ئىدى سېنىڭ، دەپتۇ ئىچىدە چىرايلىق مۈشۈك.


نۇرغۇنلىغان باشقۇرغۇچىلار خادىملارنى ئىلھاملاندۇرۇش جەريانىدا، يۈزەكى نەتىجىنى كۆرىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆرمەيدىغان خاتالىقنى ئۆتكۈزدۇ. بۇنداق خاتالىق مۈشۈكنىڭ چاشقاننى بېقىشىدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ھېكمەت: يۈزەكى نەتىجىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېتىبار بېرىڭ.


كىشىلەر دائىم كۆلدىكى ئۆردەكنىڭ ئىنتايىن بىخارامان ۋە راھەت سۇ ئۇزىۋاتقانلىغىنى كۆرىدۇ.ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ سۇ ئاستىدىكى ئىككى پۈتىنىڭ جان جەھلى بىلەن توختىماي پالاق ئۇرىۋاتقانلىغىنى،ئىككى پەنجىسىنىڭ مىدىرلاشتىن بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالمايدىغانلىغىنى كۆرەلمەيدۇ.


ئەمىلىيەتتە ئىسىلزادىلىككە ماغدۇر،قالتىس بۇلۇشقا ئەمەلى كۈچ كىتىدىغان بۇلۇپ،ھايات خۇددى سۇدىكى ئۆردەككە ئوخشايدۇ،ھەربىر پارلاق كۆرىنىشنىڭ ئارقىسىدا تەسۋىرلەش قىيىن بولغان جان تىكىپ ئىلگىرلەش جەريانى ماۋجۇت بۇلۇپ،سالماق تەمكىن قىياپەتنى ساقلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالماسلىق بۇلىدۇ.


خۇلاسە:


باشقىلار بەرداشلىق بىرىۋاتقان قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بەرمەي تۇرۇپ،باشقىلاردەك بۇلۇشقا ھەۋەس قىلمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k