ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
-دادا-دەپ توۋلىغىنىچە يۈگرەپ كەلدى،
-ھېرىپ كەتتىم-دىگىنىچە ئۆزىنى قاچۇردى، دادىسىنى قۇچاقلاش ئۈچۈن ئېچىلغان قوللار بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى، ئوماق لەۋلەر ئۈمچەيدى……
بىردەمدىن كىيىن قىز كىچىك داسقا ئۇن ئېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ ئويناشقا باشلىدى…
شۇ ئەسنادا ئىشىك چىكىلدى، دادىسىنىڭ يېقىن بىر قانچە ئاغىينىلىرى كىرگەن ئىدى، ئارىسىدىكى بىرەيلەن قىزنىڭ يۈزىگە يۇقۇپ قالغان ئۇن يۇقۇندىلىرىنى كۆرۈپ بۇرنىنى چىمداپ قويدى، بۇنىڭدىن يېقىنلىق ھىس قىلغان قىز قوللىرىنىمۇ يۇمايلا يۈگرەپ كىلىپ بوينىغا ئېسىلدى
-ۋاي بۇ……-دادا قىزنىڭ ئاغىينىسىنىڭ كىيىملىرىنى مەينەت قىلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ قىزچاقنى ئېلىۋېلىشقا ئالدىرىدى……
-مەيلىلا، كىچىك بالا ئەمەسمۇ، ئەجەب ئوماق قىزكەن بۇ،قىزىم ماڭا تاماق ئىتىپ بىرەمسىز؟-دىگىنچە قىزنى ئاسمانغا ئېتىپ كۆتۈردى، بوينىغا مىندۈرۈپ چۆرگىلەتتى، قىزچاق قېن-قېنىغا پاتماي خۇشال كۈلكىسى ئۆينى بىر ئالدى……
-ئانا، سىز نىمىشقا ماۋۇ دادامنى ئالمىغان؟
تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالدىن چاي دەملەۋاتقان ئانىنىڭ قولىدىكى چەينەك يەرگە چۈشتى، دادا بىر نەرسە ئىزدىگەن بولۇپ تۇرۇۋالدى…
كۈنبويى ئانىلارنىڭلا كەينىدە يۈرۈۋاتقان پەرزەنلىرىمىز ئاتىنىڭمۇ ھەقىقىي مېھرى - مۇھەببەتكە مۇھتاج! يىلتىز بولمىسا دەرەخ كۆكلىيەلمىگەندەك ئاتىدىن كەلگەن مۇھەببەت بولمىسا پەرزەنت ئىشەنچنى نەدىن تاپىدۇ
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


