ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى ھېكايە
بەزىدە، كىچىك ھېكايىلەرگىمۇ كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ داۋلىلار يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۆزگىرىش قىلىش تەس، بولۇپمۇ بىرىنچى قەدەمنى بېسىش ئىنتايىن تەس؛ لېكىن قەتئىي نىيەتكە كىلىپ ئالغا ئىلگىرلىسەك، ھامان بىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئۇلىشالايمىز.
بىرىنچى ھېكايە
مايمۇننىڭ ئادەمگە ئايلىنىش ئارزۇسى بار بولۇپ، ئادەمگە ئايلىنىش ئۈچۈن قۇيرۇقىنى كىسىۋىتىش كېرەكلىكىنى بىلىدىكەن، شۇڭا ئۇ قۇيرۇقىنى كىسىۋىتىشنى نىيەت قىلىپتۇ.
قۇيرۇقىنى كىسىۋىتىش ئالدىدا، ئۈچ ئىش مايمۇننىڭ بېشىنى قاتۇرۇپتۇ:
1. قۇيرۇقۇمنى كەسكەن ۋاقىتتا ئاغرىپ كىتەرمۇ؟ (ئۆزگىرىش قىلىش،بەلگىلىك دەرىجىدە ئاغرىق ئازاپ ئېلىپ كىلىدۇ)
2. قۇيرۇقۇمنى كىسىۋەتكەندىن كېيىن، بەدىنىم يەنە ئىلگىرىكىدەك چەبدەسلىكنى ساقلىيالارمۇ؟ (ئۆزگىرىش قىلىشنىڭ بەلگىلىك خەتىرى بار)
3. شۇنچە يىلدىن بىرى قۇيرۇقۇم ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭدىن مۇشۇنداقلا ۋاز كېچىشكە راستتىنلا كۆزۈم قىيارمۇ؟ (ئۆزگىرىش قىلغاندا، ھېسسىيات جەھەتتە ئازدۇر كۆپتۇر بىئاراملىق ھېس قنلىشىمىز مۇمكىن)
شۇنىڭ ئۈچۈن، مايمۇن تاكى بۈگۈنگە كەلگۈچە يەنە مايمۇن پېتى قېلىۋىرىپتۇ. بەزىبىر مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم باشقا بەزىبىر نەرسىلەردىن ۋاز كىچىشكە توغرا كېلىدۇ! سىز ھازىر ئىگە بولۇۋاتقان بەزىبىر نەرسىلەردىن ۋاز كىچەلمىسىڭىز، تېخىمۇ ياخشىغا ئىرىشەلمەيسىز!
ئۆزگىرىش قىلساق، بەلكىم بىر مەھەل ئازاپلىنىشىمىز مۇمكىن؛ لېكىن ئۆزگىرىش قىلمىساق، بىر ئۆمۈر ئازاپلىنىشىمىز مۇمكىن! ئېگىلىك ۋە ھېسسىيات، ھەممىسىدە شۇنداق!

ئىككىنچى ھېكايە
بىر راھىب جاھان كىزىپ ئىلىم-ھېكمەت توپلىماقچى بوپتۇ. ئۇستازى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: "قاچان يولغا چىقىسەن؟". راھىب جاۋاب بىرىپتۇ:" كىلەر ھەپتە يولغا چىقماقچى. بۇ قېتىملىق سەپىرىم ناھايىتى ئۇزۇن، مەن بىرسىگە نەچچە جۈپ ئاياغ تىكىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلغان، شۇ تەييار بولسا ئېلىپلا ماڭىمەن". ئۇستازى تۇرۇپ كىتىپ دەپتۇ: "مۇنداق قىلايلى، مەن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە دەپ ساڭا ئاياغ ئىئانە قىلدۇرۇپ بىرەي".
ئۇستازى ئەتراپتىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئېيتقان ئىكەن، شۇ كۈنىلا نەچچە ئونلىغان ئاياغ ئېلىپ كەپتۇ. ئىككىنچى كۈنى بولسا، يەنە بىر ئادەم راھىبقا بىر كۈنلۈك ئېلىپ كەپتۇ.
راھىب سوراپتۇ:" ماڭا نېمىشقا كۈنلۈك ئېلىپ كەلدىڭىز؟ ".
" ئۇستازىڭىز سىزنى يىراققا سەپەرگە چىقماقچى، يولدا يامغۇرلۇق ھاۋاغا ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇنىڭغا كۈنلۈك ئىئانە قىلغان بولسىڭىز دەپ ئېيتقان ئىدى".
لېكىن ئۇ كۈنى، پەقەت ئۇ بىرلا ئادەم ئەمەس، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئەللىكتىن ئارتۇق ئادەم، ھەر بىرسى بىردىن كۈنلۈك ئېلىپ كەپتۇ.
كەچلىك دەرستىن كىيىن، ئۇستازى راھىبنىڭ يېنىغا كىرىپ دەپتۇ: "ئاياغ بىلەن كۈنلۈك يىتەرلىك بولدىمۇ؟"
"يىتەرلىك بولدى ئۇستاز، ھەتتا بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، مەن ھەممىنى ئېلىپ مېڭىپ بولالمايمەن."
ئۇستازى ئېيتىپتۇ: "ئۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ؟ سەپەر جەريانىدا ھەر خىل ئەھۋاللارغا ئۇچرايسەن، قانچىلىك يول مېڭىشنى ۋە قانچىلىك يامغۇرلۇق ھاۋاغا ئۇچرىشىشىڭنى ھازىر مۆلچەرلەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئاياغ يىرتىلىپ تۈگەپ كەتسە، ياكى كۈنلۈك بۇزۇلۇپ كەتسە ياكى يوقاپ كەتسە قانداق قىلىسەن، شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىنى ئېلىۋالغىن. بۇندىن باشقا، سەپەر جەريانىدا يەنە دەريا كېچىكلەر ئۇچرىشى مۇمكىن، مەن ئەتە ئەتراپتىكىلەرگە ئېيتىپ قېيىق ئىئانە قىلغۇزاي، سەن قېيىقمۇ ئېلىۋالغىن".
بۇ ۋاقىتتا راھىب ئۇستازىنىڭ كۆڭلىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يىتىپتۇ ھەمدە ئۇستازىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ خاتالىقىنى تونۇپ دەپتۇ:" ئۇستازىم، مەن ھازىرلا يولغا چىقاي، ھېچنېمە ئېلىۋالمايمەن".
بىر ئىش قىلىشتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى، سىرتقى ماددىلارنى تولۇق تەييارلاش ئەمەس، بەلكى قەتئىي ئىرادە! ئىرادە باغلاپ قەتئىي نىيەتكە كەلگەندىن كېيىن ھەمدە نىشاننى بېكىتكەندىن كېيىن، باشقا ئىقا مەسىلىلەر ئەسلا مەسىلە ھېسابلانمايدۇ. بىلىڭىزنى مەھكەم باغلاپ يولغا چىقىڭ، نىشان يىراقتا، يول بولسا ئايىغىڭىزدا! ئالدىڭىزغا قاراپ باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىزنىڭ ئۆزى، بىر قېتىملىق كىچىك نەتىجىدۇر.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


