大数跨境

بىر ھېكايە، بىر ھېكمەت

بىر ھېكايە، بىر ھېكمەت aybarawazi
2025-06-09
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


图片1. تۇنجى كۈنى، توشقانچاق بېلىق تۇتقىلى بېرىپ، ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەپتۇ. ئىككىنچى كۈنى، ئۇ يەنە بېلىق تۇتقىلى بېرىپ، ئوخشاشلا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى، ئۇ ئەمدىلا كېلىشىگە، بىر يوغان بېلىق سەكرەپ چىقىپ: سەن يەنە سەۋزىنى بېلىق يەمچۈكى قىلىشقا پېتىنىدىغان بولساڭ، ئەدىپىڭنى بېرىمەن! دەپتۇ.

خۇلاسە: سىزنىڭ بەرگەنلىرىڭىز ھەمىشە ئۆزىڭىز بېرىشنى «خالايدىغان» نەرسىلەر، بەلكىم قارشى تەرەپنىڭ موچەنلىك قىزىقىشى بولماسلىقى مۇمكىن. دېمەك، پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيارىدا ياشاپ تۆلىگەن بەدەللىرىڭىز بەزىدە بىر تىينغىمۇ ئەرزىمەيدۇ.

图片

2. بىر قېتىملىق زىياپەتتە، مارك تىۋىن بىلەن بىر خانىم ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئولتۇرۇپ قاپتۇ-دە، ئۇ ئەدەب يۈزىسىدىن: «سىز ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىقكەنسىز!»، دەپتۇ. بىراق ئۇ خانىم پىسەنتىگىمۇ ئالماستىن مەغرۇر ھالدا: «ئەپسۇس مەن سىزگە ئوخشاش ئۇسۇلدا سىزنى مەدھىيەلىيەلمەيمەن»، دەپتۇ. بۇ چاغدا مارك تىۋىنمۇ سىپايىلىك بىلەن: «ھېچقىسى يوق، سىز ماڭا ئوخشاش بىر ئېغىر يالغان گەپ قىلسىڭىزلا بولىدۇ» دەپتىكەن، ئۇ خانىم خىجىللىقتىن يەرگە كىرگۈدەك بولۇپ كېتىپتۇ.

خۇلاسە: ئۆزىڭىز ئاتقان تاش ھەمىشە ئۆزىڭىزنىڭ پۇتىغا پۇتلىشىدۇ.

图片

3. بىر دوختۇر دوستۇم باتتى، بىر قېتىملىق راك كېسىلى ئوپېراتسىيەسىدە ئۆسمىنى كەسكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقاپ، كەسكەن يەرنى تىكىپ قويۇپتۇ ھەمدە بىمارغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپتۇ. ئۇ بىمار يېزىدىن كېلىپ، تېببىي بىلىملەرنى دېگەندەك ئۇقمىغاچقا، ئوپېراتسىيە تۈگىدى، كېسىلىم ساقايدى دەپ تۇرىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرمۇ ئامالسىز قېلىپ ئۇنى دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋېتىپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن، بىمار راستىنلا ساقىيىپ راك ھۈجەيرىلىرى يوقاپ كېتىپتۇ.

خۇلاسە: ئاكتىپ پوزىتسىيە ئەڭ ياخشى ئوپېراتسىيەدۇر.

图片

4. شۇ يىلى ئۇ قەھۋەخانىدا ئولتۇرۇپ دوستىنى كۈتۈپ تۇرسا، بىر قىزچاق كېلىپ: «سىز ۋاڭ ھەدىمىز تونۇشتۇرغان ئۇچرىشىش ئوبيېكت بولامسىز؟»، دەپ سورىغاندا، ئۇمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، دەل ئۆزى ياقتۇرىدىغان تىپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، كۆڭلىدە: «مۇشۇنداقلا ئۆتكۈزۈۋەتسەم قانداق بولىدۇ»، دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئالدىراپ-تېنەپلا: «ھە، شۇنداق، قېنى ئولتۇرۇڭ»، دەپتۇ. تويى بولغان شۇ كۈنى، ئۇ تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۇچرىشىشقا چىقمىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئايالىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەنمۇ ئۇچرىشىشقا چىقمىغان، شۇ بىر باھانە تېپىپ پاراڭلىشاي دېگەنتىم»، دەپتۇ.

خۇلاسە: پۇرسەت كەلگەندە ئىككىلەنمەستىن ئۇنى چىڭ تۇتۇش لازىم.

图片

5. قىزلار ئوچۇق-ئاشكارا بېلەت تاشلاپ، سىنىپ گۈزىلىنى تاللىماقچى بوپتۇ. تەقى-تۇرقى ئادەتتىكىچىلا شياۋمېي سۆز قىلىپ: ئەگەر مەن سايلىنىپ قالسام، بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يەردە ئولتۇرغان ئاچا-سىڭىللارنىڭ ھەممىسى پەخىرلەنگەن ھالدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، مەن ھەتتا سىنىپ گۈزىلىدىنمۇ چىرايلىق ئىدىم، دېيەلەيدۇ، دەپتىكەن، ئاقىۋەتتە، ئۇ پۈتۈن بېلەت بىلەن سايلىنىپتۇ.

خۇلاسە: باشقىلارنى ئۆزىڭىزنى قوللاشقا قايىل قىلماقچى بولسىڭىز، چوقۇم ئۇلاردىن مۇنەۋۋەر بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر سىز باشقىلاردا سىز سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ۋە تېخىمۇ ئۇتۇق قازانغان تۇيغۇنى ھاسىل قىلالىسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ چوڭ غەلبە سىزگە مەنسۇپ!

图片

6. ئىككى يولۋاسنىڭ بىرى قەپەستە، بىرى دالىدا ياشايدىكەن. بىراق ئۇلار ھەر ئىككىلىسىلا تۇرىۋاتقان مۇھىتىنى ياخشى ئەمەس دەپ قاراپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ھەۋەس قىلىپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سالاھىيىتىنى ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، دەسلەپتە ئىنتايىن خۇشال بولۇپتۇ، بىراق ئۇزاق ئۆتمەيلا، بىرى ئاچارچىلىقتىن يەنە بىرى غەم تارتىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ.

خۇلاسە: بەزىدە كىشىلەر بەخت ئىچىدە تۇرۇپمۇ بەختنى ھېس قىلالماستىن ھەمىشە باشقىلارنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىپ يۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ ئىگە بولغانلىرىڭىز دەل باشقىلار ئەڭ ھەۋەس قىلىدىغان تەرەپتۇر.


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0