大数跨境

باينىڭ ئىككى ئوغلى ھىكايە

باينىڭ ئىككى ئوغلى ھىكايە aybarawazi
2025-06-11
5
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


قۇلۇپنى ئېچىشتا ئاچقۇچقىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ

 قۇلۇپنى ئېچىشتا ئاچقۇچقىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ ،چۈنكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قېلىپلاشقان ئۇسۇلدىن ‏باشقا يەنە ئۆزگىچە چارىسى تېپىلىدۇ .‏


 ------  يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن ‏


ياشىنىپ قالغان بىر يەھۇدىي باينىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن . يەھۇدىي باي ئىككى ئوغلىدىن زادى قايسىسىنى ‏مىراسخور قىلىپ تاللاش ھەققىدە جىق ئويلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەپتۇ .‏


‏ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلىق چاغلىرى يادىغا يەتكەن يەھۇدى باي، تۇيۇقسىزلا ئوغۇللىرىنى سىناپ ‏بېقىشنىڭ ناھايىتى ئوبدان بىر ئامالنى تېپىپتۇ . ئۇ ئىشىكنى تاقاپ ، ئىككى ئوغلىنى يۈز چاقىرىم يىراقلىقتىكى بىر ‏شەھەرگە باشلاپ بېرىپتۇ ۋە ئۇلارغا بىر باغلامدىن ئاچقۇچنى بېرىپ ، ئۇلارنىڭ  ھەر قايسىسىنى بىردىن ئارغىماققا ‏مىندۈرۈپتۇ .‏


‏- قېنى قايسىڭلار ئۆيگە بالدۇر بېرىپ ئىشىكنى ئاچالىساڭلار تاپقان تەرگىنىم شۇنىڭ بولىدۇ .‏


‏ ئىككى ئات تۇياقلىرى يەرگە تەگمەي ئۇچقاندەك چېپىپتۇ . شۇڭا ئىككى بالا ئۆيگە تەڭ يېتىپ بېرىپتۇ. بىراق ‏ئۆينىڭ ئىشىكى قۇلۇپلاقلىق بولغاچقا بۇ ئىككى بالىنىڭ بېشى قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ .‏图片

‏ بالىلارنىڭ چوڭى ھېلىقى بىر باغلام ئاچقۇچنىڭ ئىچىدىن ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى زادى تاپالماپتۇ . ئىنىسى يولدا ‏كەلگۈچە ئاتنى چاپتۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ، ھەتتا دادىسى بەرگەن ، ھېلىقى بىر باغلام ئاچقۇچنى ‏چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ .‏

‏ شۇڭا ئۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىسى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قارا تەرگە چۆمۈپتۇ. ئىنىسى تۇيۇقسىزلا بىر ئەقىل تېپىپتۇ . ئۇ ‏بىر پارچە تاشنى ئېلىپ كېلىپ ، قۇلۇپنى بىر قانچىنى ئۇرغان ئىكەن ، قولۇپ چېقىلىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ‏بىرىنچى بولۇپ ئۆيگە كىرىپتۇ . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ دادىسىنىڭ مىراسخورى بولۇپتۇ.‏


‏ يەھۇدىيلار شۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇ : كىشىلىك ھايات قۇلۇپقا ئوخشايدۇ  قۇلۇپنىڭ كۆپىنچە ئاچقۇچى بولمايدۇ ‏، شۇڭا تەقدىرنىڭ ھالقىلىق پەيتلىرىدە ئۇنى ئادەتلەنگەن ئۇسۇل بويىچە ئاچقۇچ بىلەن ئاچىمەن دەپ يۈرمەي ، ‏بىر پارچە تاش بىلەن بىرنى ئۇرۇپ چېقىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ . قۇلۇپنى ئېچىشتا ئاچقۇچقىلا تايىنىۋېرىشكە ‏بولمايدۇ . ئۆز نۆۋىتىدە ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قېلىپلاشقان ئۇسۇلدىن باشقا يەنە نۇرغۇن چارىسى تېپىلىدۇ



……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k