大数跨境

قار مەلىكە

قار مەلىكە aybarawazi
2025-09-01
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇرۇنقى زاماندا بىر ئەلدە ئاقكۆڭۈل بىر خانىش بولۇپ ، ئۇ ئوماق بىر مەلىكە تۇغۇپتۇ . كىچىك مەلىكىنىڭ تېرىسى قاردەك ئاپاق مەڭزى ئالمىدەك ، قىزىل بولغاچقا ، خانىش ئۇنىڭغا ، قار مەلىكە دەپ ئىسىم قويۇپتۇ .
 قار مەلىكە تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي خانىش ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ بىر يىلدىن كېيىن ، پادىشاھ يېڭى خانىشقا ئۆيلىنىپتۇ ، يېڭى خانىش ناھايىتى گۈزەل بولسىمۇ ، كۆڭلى ئىنتايىن قارا ئىكەن ھەمىشە باشقىلارغا ھەسەت قىلىدىكەن . خانىشنىڭ سېھىرلىك ئەينىكى بار بولۇپ ، ئۇ دائىم سېھىرلىك ئەينەكتىن دۇنيادا  كىم ئەڭ گۈزەل دەپ سورايدىكەن سېھىرلىك ئەينەك خانىش سىز ئەڭ گۈزەل دەيدىكەن خانىش بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن مەمنۇن بولىدىكەن .
 قار مەلىكە ئاستا ئاستا چوڭ بولۇپتۇ بىر كۈنى خانىش سېھىرلىك ئەينەكتىن يەنە ھېلىقى سوئالنى سورىغان ئىكەن ، سېھىرلىك ئەينەك قار مەلىكە سىزدىن مىڭ ھەسسە گۈزەل دەپ جاۋاب بېرىپتۇ  بۇنى ئاڭلىغان خانىش  ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دەپ قاپتۇ .
 خانىش ئوۋچىغا قارا مەلىكىنى ئورمانلىققا ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ ئوۋچىنىڭ قارا مەلىكىنى ئۆلتۈرۈشكە قول بارماي ئۇنى ئورمانلىققا ئاپىرىپ قويۇۋېتىپتۇ .
 بىچارە قارا مەلىكە جىننىڭ بارىچە ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ يۈگرە يۈگرە قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ ، بۇ چاغدا ئۇ بىر كىچىك ئۆينى  كۆرۈپتۇ ئۆيدىكى ، بارلىق نەرسىلەر بەكمۇ كىچىك بولۇپ ھەربىرى  يەتتىدىن ئىكەن . قار مەلىكە ھېرىپ ئىچىپ كەتكەچكە  كىچىك بىر كارۋاتقا چىقىپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ .
 بىر دەمدىن كېيىن كىچىك ئۆينىڭ خوجايىنلىرى قايتىپ كېلىپتۇ ئۇلار يەتتە پارپا ئىكەن ، ئۇلار ئۆيگە كىرىپ قار مەلىكىنى كۆرۈپتۇ . پاھ ، نېمىدېگەن چىرايلىق ئۇلار ئۇنى چۆچۈتمەي ، خاتىرجەم ئۇخلىغىلى قويۇپتۇ .
 سەھەردە قار مەلىكە ئويغىنىپتۇ ، ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى يەتتە پارپىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ يەتتە پارپا ئۇنىڭغا ، ناھايىتى ھېسداشلىق قىلىپ ئۇنى ئېلىپ قاپتۇ قار مەلىكە ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئۆينى يىغىشتۇرۇپتۇ يېمەكلىك تەييارلاپتۇ ، كۆپچىلىك ناھايىتى خۇشال ياشاپتۇ .
 بىر كۈنى خانىش يەنە سېھىرلىك ئەينەكتىن كىمنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ سېھىرلىك ئەينەك ، يەتتە پارپىنىڭ ئۆيىدىكى قار مەلىكە سىزدىن گۈزەل دەپتۇ ، خانىش غەزەپلىنىپ قار مەلىكىنى ئۆز قولى بىلەن  ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ .
  خانىش مىلىچمال ساتىدىغان موماي قىياپىتىدە ياسىنىپ يىپەك لېنتىنى ئېلىپ يەتتە پارپىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توۋلاپتۇ قار مەلىكە ئىشىكنى ئېچىشىغا خانىش يىپەك لېنتا بىلەن ئۇنىڭ كانىيىنى بوغۇپتۇ قار مەلىكە ھوشىدىن كېتىپتۇ .
 كەچتە يەتتە پارپا قايتىپ كېلىپتۇ ئۇلار ، لېنتىنى كېسىۋېتىپتۇ قار مەلىكە ھوشىغا كېلىپتۇ يەتتە پارپا ئۇنىڭغا .
 خانىش موماي سىياقىدا ياسىنىۋالغان ، ئۇ سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۆيدە بولمىساق ئىشىكنى ھەرگىز ئاچماڭ دەپ تاپىلاپتۇ .
 خانىش قار مەلىكىنىڭ يەنىلا ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىپ غەزەپتىن تىترەپ كېتىپتۇ ، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك زەھەرلىك ، دورىدىن يېرىمى قىزىل ، يېرىم ئاق رەڭلىك ، بىر ئالما ياساپ سەھرالىق ئايال قىياپىتىدە ياسىنىپ ئىشىكنى چېكىپتۇ ، لېكىن قار مەلىكە ئىشىكنى ئاچماپتۇ .
 خانىش ئالمىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئۆزى بىر چىشلەپ زەھەر بار ، تەرىپىنى قار مەلىكىگە سۇنۇپ بېرىپتۇ ، قار مەلىكە ئالمىنى بىر چىشلەپلا يەرگە يېقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ ، بۇ قېتىم  ئۇ قۇتقۇزۋېلىنالماي  قاپتۇ يەتتە پارپا  يىغلاشقېنىچە ئۇنى خىرۇستال  مېيىت ساندۇقىغا ، سېلىپ تاغقا ، دەپنە قىپتۇ.   بىر كۈنى قوشنا مەملىكەتنىڭ شاھزادىسى ئورمانلىققا شىكارغا چىققاندا خۇرۇستال ، مېيىت ساندۇقىدىكى قار مەلىكىنى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ شاھزادە يەتتە پارپىدىن ، مېيىت ساندۇقىنى ئۆزىگە بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ  پارپىلا  قوشۇلۇپتۇ . ياساۋۇللار مېيىت ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن دەرەخكە سوقۇۋېتىپتۇ ، قار مەلىكە سىلكىنىپ كېتىپ كانىيىدا تۇرۇپ قالغان زەھەرلىك ئالمىنى ياندۇرۇۋېتىپ قايتا  تىرىلىپتۇ . 
 شاھزادە قار مەلىكە بىلەن توي قىلىپتۇ خانىشمۇ باغاق تاپشۇرۇۋېلىپ تويغا كېلىپتۇ ، ئۇ كېلىنچەكنىڭ قار مەلىكە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئاچچىقتىن يۈز كۆزلىرى تارتىشىپ ئورمانلىققا يۈگۈرۈپ كىرىپ   كەتكەنچە توڭلاپ ئۆلۈپتۇ .
……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0