ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھنىڭ يەتتە قىزى بار ئىكەن، پادىشاھ يەتتە چىرايلىق مەلىكىسىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ قاپقارا چىرايلىق ئۇزۇن چاچلىرى بولغاچقا، پادىشاھ ئۇلارغا يۈز تال چىرايلىق چاچ قىسقۇچ سوۋغا قىپتۇ.
بىر كۈنى ئەتىگەندە، چوڭ مەلىكە ئويغىنىپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاش چاچ قىسقۇچ بىلەن سۇمبۇل چېچىنى قىسماقچى بولغاندا، بىر چاچ قىسقۇچنىڭ كەملىكىنى بايقاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغرىلىقچە ئىككىنچى مەلىكىنىڭ ياتاق ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىر تال چاچ قىسقۇچىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئىككىنچى مەلىكە بىر چاچ قىسقۇچنىڭ كەملىكىنى بايقاپ، ئۈچىنچى مەلىكىنىڭ ياتاق ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىر تال چاچ قىسقۇچىنى ئېلىپ كېتىپتۇ؛ ئۈچىنچى مەلىكە بىر چاچ قىسقۇچنىڭ كەملىكىنى بايقاپ، تۆتىنچى مەلىكىنىڭ بىر تال چاچ قىسقۇچىنى ئوغرىلىقچە ئېلىۋاپتۇ؛ تۆتىنچى مەلىكە بەشىنچى مەلىكىنىڭ چاچ قىسقۇچىنى ئېلىۋاپتۇ؛ بەشىنچى مەلىكە ئوخشاشلا ئالتە مەلىكىنىڭ چاچ قىسقۇچىنى ئېلىۋاپتۇ؛ ئالتىنچى مەلىكە ئامالسىز يەتتىنچى مەلىكىنىڭ چاچ قىسقۇچىنى ئېلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەتتىنچى مەلىكىنىڭ چاچ قىسقۇچىدىن پەقەت 99 لا قاپتۇ.
ئەتىسى قوشنا دۆلەتنىڭ كېلىشكەن شاھزادىسى توساتتىن خان ئوردىسىغا كېلىپ، پادىشاھقا:
-تۈنۈگۈن مەن باققان بۇلبۇل بىر تال چاچ قىسقۇچنى ئېلىپ كەپتۇ، مېنىڭچە بۇ چوقۇم مەلىكىلەرنىڭ چاچ قىسقۇچى، قايسى مەلىكە چاچ قىسقۇچىنى چۈشۈرۈپ قويدىكىن؟ -دەپتۇ.
مەلىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ،ھەممىسى كۆڭلىدە مەن چۈشۈرۈپ قويغان، مەن چۈشۈرۈپ قويغان دېمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بېشىدا 100 تال چاچ قىسقۇچ بار بولغانلىقتىن ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ ھېچنىمە دېيەلمەپتۇ.
پەقەت يەتتىنچى مەلىكە ئالدىغا چىقىپ:
-مەن بىر چاچ قىسقۇچنى چۈشۈرۈپ قويدۇم،-دەپتۇ.
يەتتىنچى مەلىكىنىڭ سۆزى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشىغا، ئۇنىڭ چىرايلىق ئۇزۇن چېچى بىر چاچ قىسقۇچ كەم بولغانلىقتىن چۇۋۇلۇپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ گۈزەل ھالىتىنى كۆرگەن شاھزادە ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپتۇ. شاھزادە بىلەن يەتتىنچى مەلىكە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بەختلىك، خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
……..…
…………
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ
سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ