大数跨境

تاقىر ئېشەك ، ئاق باش ، بۈركۈت ۋە دوپپا

تاقىر ئېشەك ، ئاق باش ، بۈركۈت ۋە دوپپا aybarawazi
2025-08-24
0
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

تاقىر ئېشەك بىلەن ئاقباش بۈركۈتنىڭ دوپپا كىيىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن . ئۇنداقتا دوپپا كىيىۋالغان  ئاقباش بۈركۈت ئاخىرىدا نېمە ئۈچۈن كېلىشمەسلىككە ئۇچرىدى ؟


 بىر ئاق باش بۈركۈت دۆڭلۈكتە بۆكەننىڭ چىرىپ كەتكەن جەىستىنى غاجاش بىلەن ئالدىراش ئىكەن . تاغدىن ئىتتىك چۈشۈۋاتقان تاقىر ئېشەك ئۇنى كۆرۈپ قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، ئاق باش بۈركۈت بىلەن سالاملىشىپتۇ:  ئاق باش بۈركۈت سەن بەك قالتىس جۇمۇ. ئاشقازان، ئۈچىيىڭ تۈرلۈك ۋىرۇسلارنى ھەزىم قىلغاندىن باشقا، كىچىك تەرىتىڭنىمۇ دېزىنفېكسىيەلەش رولىغا ئىگە،  شۇڭا سەن چىرىپ كەتكەن جەسەتنى يېسەڭمۇ يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالمايسەن. _ شۇنداق، _ دەپتۇ  تاقىر ئېشەكنىڭ ماختىشىنى ئاڭلاپ كۆڭلى يايراپ كەتكەن بۈركۈت، _  مەن ئاشقازىنىم ۋە ئۈچىيىم بىلەن يەر شارىنىڭ پاكىزلىقى ۋە گۈزەللىكنى قوغدايمەن،  ناۋادا بىز بولمىساق يەر شارى مەينەتچىلىككە تولۇپ كەتكەن بولاتتى،  شۇڭا ئىنسانلار بىزنى «مۇھىت تازىلىغۇچى» دەيدۇ _بىراق، _ تاقىر ئېشەك گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتۇۋېتىپتۇ. _ نېمە بىراق، گېپىڭنى يۈتۈۋەتمەي تولۇق دېگىن،_ ئاق باش بۈركۈت بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئالدىدا تۇرغان تاقىر ئېشەكنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ كۈلىۋەتكىلى تاس قاپتۇ . بىراق سېنىڭ بېشىڭدا تۈك دىدارى قالماپتۇ بەكلا كۆرۈمسىز بولۇپ قاپسەن دەپتۇ تاقىر ئېشەك . ئاق باش بۈركۈت تاقىر ئېشەكنىڭ تەپ تارتماي ئۆزىنىڭ يىغىرنى تاتلاۋاتقانلىقىدىن ھەيران بولۇپتۇ، چۈنكى بۇ تاقىر ئېشەكنىڭ بېشىدىمۇ تۈك دىدارى يوق ئىكەن، ئۆزىگە باقماي  باشقىلارنى تاز دېگىنىگە ھەيران بولغان ئاق باش بۈركۈت تاقىر ئېشەككە غەزەپ بىلەن گېپىڭنى ئەگىتمەي ئۇدۇللا دېگىن ، نېمە تىلىڭنى چاينايسەن دەپتۇ ؟ ئەمەلىيەتتە سېنىڭ تۇرقۇڭ ئالاھىدە مىدىرلىماي دەس تۇرساڭ قارا چاپان كىيىۋالغان پادچىغا ئوخشايسەن ، بىراق بېشىڭغا چىرايلىق دوپپا كىيىۋالساڭ چۇقۇم تېخىمۇ سالاپەتلىك بولۇپ كېتسەن دەپتۇ تاقىر ئېشەك . شۇنداق ، ئۆزىنى ماختاشقا ئادەتلەنگەن ئاق باش بۈركۈتنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ . ئۇنداقتا سەنچۇ دەپ سوراپتۇ ئاق باش بۈركۈت ، تاقىر ئېشەكنىڭ تاز بېشىنى كۆرسىتىپ ، ناۋادا ھەر ئىككىمىز دوپپا كىيىۋالساق ، دۇنيا بويىچە ئەڭ سالاپەتلىك ھايۋانلاردىن بولۇپ قالىمىز دەپتۇ تاقىر ئېشەك ھاياجانلىنىپ . شۇنداق ، قىلىپ ئاق باش بۈركۈت بىلەن تاقىر ئېشەك بىللە دوپپا بازارنى ئايلىنىپ ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان دوپپىنى تاللاپ سېتىۋاپتۇ . پاھ ، راستىنلا باشقىچە گۈزەللىشىپ كەتتىم دەپتۇ ، ئاق باش بۈركۈت. ئۇ ئەينەككە قارىغانسېرى ئۆزىگە مەستلىكى كېلىپ كىتىپتۇ . قارىغىنا مەنمۇباشقىچە سالاپەتلىك بولۇپ كەتتىم دەپ تاقىر ئېشەكمۇ ئۆزىنى ماختاپتۇ. ئاق باش بۈركۈت بىلەن تاقىر ئېشەك دوپپىسىنى بېشىدىن ئالماي چىڭ كىيىپ يۈرۈپتۇ ، تاقىر ئېشەك دۆڭلۈكتە ئوت چۆپ يەپ يۈرگەندە ، دوپپا كىيىۋالغان تۇرقىنى باشقىلارنىڭ كۆرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ غەيرى ئاۋاز چىقىرىپ باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپتۇ . ئاقباش بۈركۈتمۇ چىرىپ كەتكەن ھايۋانلار گۆشىنى يەپ بولغاندىن كېيىنلا دوپپىسىنى كىيىۋالىدىكەن ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، تاقىر ئېشەك ئاق باش بۈركۈتنىڭ يەردە جان تالىشپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئىنىم ساڭا نېمە بولدى؟ ھەممىسى مۇشۇ دوپپىنىڭ كاساپىتى دەپتۇ ئاق باش بۈركۈت ئىڭراپ تۇرۇپ نېمە، بۇ مۇمكىنمۇ تاقىر ئېشەك بۇنىڭغا ھەيران بوپتۇ ئەسلىدە ئاق باش بۈركۈت دوپپا كىيىۋالسا چىرايلىق بولۇپ كەتكىنى بىلەن، چىرىپ كەتكەن  ھايۋاناتلار بىلەن ئۇچراشقاندا، تاز بېشىغا يۇقۇپ قالغان ۋىرۇسلار كۈن نۇرىدا ئۆلىدىغان بولغاچقا ئاق باش بۈركۈتنىڭ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق زىيان يەتمەيدىكەن ، بىراق ئۇ چىرىگەن گۆشنى يەپ بولۇپلا دوپپىسىنى كىيىۋالغاچقا بېشىغا يۇقۇپ قالغان ۋىرۇسلار دوپپا  ئىچىدە جانلىنىپ ئاق باش بۈركۈتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن. ئاق باش بۈركۈت تاقىر ئېشەكنىڭ  قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تاقىر ئېشەك ، مەن بۇ قېتىم ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكتىنمۇ مۇھىملىقىدەك ھەقىقەتنى ، چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم دەپتۇ ئاق باش بۈركۈتنىڭ گېپى تۈگۈشى بىلەن تىنىقىمۇ توختاپ قاپتۇ،  تاقىر ئېشەك ئۇنى قۇچاقلاپ قاتتىق يىغلاپتۇ، ئاق باش بۈركۈت بىلەن ئۆزىنىڭ دوپپىسىنى ئېلىپ يىراققا ئېتىۋېتىپتۇ .

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k