ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
چىن سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد پادىشاھى تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، باش ۋەزىرىر جاۋگاۋ ھوقۇقنى جاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالماقچى بولۇپتۇ . ئۇ ۋەزىرـ ۋۇزرالارنىڭ قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، كۆپچىلىكنى چېكىپ باقىدىغان بىر ئامال تېپىپتۇ. بىر كۈنى ئەتىگەنلىك قوبۇل ۋاقتىدا جاۋ گاۋ بىر بۇغىنى يېتىلگىنىچە ئورىغا كېرىپ كەپتۇ، ۋەزىرلەر ئەجەبلىنىپ، جاۋگاۋنىڭ نېمەقىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ. جاۋ گاۋ پادىشاھقا: بۇ تۇلپارنى ئالايىتەن ئالىيلىرىغا سوۋغا قىلغىلى ئەكەلدىم، ـ دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ: باش ۋەزىر يېڭىلىشتىڭىز، مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان بۇغىنى ، نېمىشقا ئات دەيسىز؟ ـ دەپتۇ. ئالىيلىرى سەپ سېلىپ قاراپ باقسىلا ، بۇ ھەقىقىي تۇلپار، ـ دەپتۇ جاۋ گاۋ . پادىشاھ بۇغىغا زەن سېلىپ قاراپ، بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي: ئاتنىڭ نەدىمۇ مۈڭگۈزى بولسۇن؟ ـ دەپتۇ. جاۋگاۋ بۇرۇلۇپلا يېنىدىكى ۋەزىرلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا: ئالىيلىرى ئىشەنمىسىلە بۇ ۋەزىرـ ۋۇزرالاردىن سوراپ باقسىلا، ئۇلار بىر نېمە دەپ باقسۇن، ــ دەپتۇ . ۋەزىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى جاۋگاۋنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، يەرگە قارىۋېلىپ شۈك تۇرۇپتۇ. بەزى ۋەزىرلەر جاۋگاۋغا ياخشىچاق بولۇش كويغا چۈشۈپ، جاۋگاۋ دېگەن« تۇلپار » نىڭ بۇغا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، كۆزلىرنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ : ئالىيلىرى ، بۇ راستىنلا ئات ئىكەن ، ـــ دەپ يالغان سۆزلەپتۇ. ئەمما ، ھەققانىيچى ۋەزىرلەر خۇپسەنلىك قىلماي، نەق گەپنى قىلىپ: ئالىيلىرى، دېگەنلىرى بەرھەق بۇ دېگەن بۇغا، ــ دەپتۇ. پادىشاھ بەزى ۋەزىرلەرنىڭ بۇغا، قىسمەن ۋەزىرلەرنىڭ ئات دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ گاڭگىراپ قاپتۇ . شۇ ئىشتىن كېيىن ھېلىقى ھەققانىيەتچى ۋەزىرلەر جاۋ گاۋنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ زىندانغا تاشلىنىپتۇ . قالغان ۋەزىرلەر جاۋگاۋدىن تېخىمۇ بەكرەك قورقىدىغان بولۇپ قاپتۇ . جاۋ گاۋ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ئاخىرىدا ،ھەتتا پادىشاھنى كۆزدىن يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئوغلى گۇڭ زىيىڭنى تەختتە ئولتۇرغۇزماقچى بولۇپتۇ . بىراق ، گۇڭ زىيىڭ دادىسىغا پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن، جاۋ گاۋنىڭ ئۆكتەملىكىدىن بۇرۇنلا بىزار بولۇپ يۈرگەنىكەن، شۇڭا پۇختا پىلان تۈزۈپ، جاۋ گاۋ ئۆزىنىڭ خانلىق مۆھرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى نازارەت قىلىۋاتقان پەيتتە ئالدىن مۆكتۈرۈپ قويۇلغان نۆكەرلەرگە پەرمان قىلىپ، جاۋ گاۋنى قەتل قىپتۇ . شۇنداق ، قىلىپ جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان جاۋ گاۋ جېنىدىن جۇدا بولۇپتۇ .
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


