ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
كىچىك قۇش بىلەن ئېيىق ياخشى دوستلاردىن بولۇپ،كىچىك قۇش دەرەخ شېخىغا قونۇپ ناخشا ئېيتىدىكەن، ئېيىق دەرەخنىڭ كامىرىدا ئۇخلايدىكەن.
قىش كەلگەندە، كىچىك قۇش ئىللىق جەنۇبقا ئۇچۇپ كەتمەكچى بوپتۇ، ئېيىقمۇ دەرەخ كامىرىغا كىرىپ ئۇخلاپ قىش ئۆتكۈزمەكچى بوپتۇ، ئۇ ئىككىسى كېلەر يىلى ئەتىيازدا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپتۇ.
ئىككىنچى يىلى باھاردا، كىچىك قۇش قايتىپ كېلىپ، دەرەخنىڭ يوقالغانلىقىنى، ئېيىقنىڭ دەرەخ كۆتىكىدە ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
ـــ ئېيىق، بىزنىڭ چوڭ دەرىخىمىزچۇ؟
ـــ چوڭ دەرەخنى دەرەخ كەسكۈچىلەر كېسىۋەتتى! -دەپتۇ ئېيىق ئازابلانغان ھالدا.
ـــ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، پەقەت دەرەخ يىلتىزى بولسىلا، چوڭ دەرەخ يېڭى بىخ چىقىرىدۇ، ــ دەپتۇ كىچىك قۇش.
كىچىك قۇش بىلەن ئېيىق ئۇيان ئىزدەپ بۇيان ئىزدەپ، ئاخىرى راستىنلا كۆتەكنىڭ يېنىدىن بىر تۈپ يېڭى بىخنى تېپىۋاپتۇ.
دەرەخ بولمىسا،كىچىك قۇش ئەمدى نەگىمۇ بېرىپ ئوينايدۇ؟ ئېيىق كۆزىنى چىمىلدىتىپ، كۆتەككە چىقىپ، بىر تۈپ ھەيۋەتلىك دەرەختەك ياسىنىپتۇ، كىچىك قۇش ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ، ئېيىق ئۇنىڭ ناخشا ئاۋازىغا ئەگىشىپ ئىرغاڭلاپ ئۇسسۇل ئويناپتۇ.
ـــ سەن ھەقىقەتەن بىر قىزىقارلىق دەرەخكەنسەن!- دەپتۇ كىچىك قۇش ئېيىقنى ماختاپ.
كىچىك قۇش باشقا قۇشلارنى ۋە تىيىنلارنى تەكلىپ قىلىپ، بىرلىكتە مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئېيىق قاقاقلاپ كۈلۈپ، تاغ باغرىدا چېپىپ يۈرۈپتۇ، قۇشلار ئېيىقنى چۆرىدەپ ئۇچۇپتۇ، تىيىن ئېيىقنى قوغلاپ سەكرەپتۇ، ناھايىتى قىزىپ كېتىپتۇ.
يۇمران بىخ ناخشا ۋە كۈلكە ساداسى ئىچىدە ئۆسۈپ، ناھايىتى تېزلا بىر تۈپ كۆچەت بولۇپ يېتىلىپتۇ.
قىش پەسلى يەنە يېتىپ كېلىپ، كىچىك قۇش يەنە ئىللىق جەنۇبقا قىشلىغىلى ماڭماقچى بوپتۇ، ئېيىق يەنە دەرەخ كامىرىغا كىرىپ ئۇخلىماقچى بوپتۇ، ئۇ ئىككىسى ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا يەنە كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپتۇ.
ئىككىنچى يىلى باھاردا، قۇش ئۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە، ئېيىقنىڭ ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر تۈپ دەرەخ بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇ كىچىك قۇشقا قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
-قارشى ئالىمىز! قارشى ئالىمىز! -دەپتۇ.
كىچىك قۇش يەنە دەرەختە ناخشا ئېيتالايدىغان بوپتۇ، ئەمما، بەزى چاغلاردا ئۇ ئېيىقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئوينايدىكەن، چۈنكى ئۇ ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان بۇ« ئېيىق دەرەخ» نى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن.
……..…
…………
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ
سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ