ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
بۇ ئۆمرۈمدە سېنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئۆتۈشۈڭ بەخت دەپ ئاتىلىدۇ؛ گەرچە يېنىڭدا تۇرساممۇ سېغىنىشىڭنى ماڭا قاراشلىرىڭدىن بىلىپ تۇرىمەن
قولۇڭنى تۇتالمىساممۇ سەندىن تارىلىۋاتقان ئىللىق سېزىمنى سېزىمەن؛ چىرايىڭنى كۆرەلمىسەممۇ سېنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان چىرايىڭ ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىمدا، مۇشۇ تاپتا سېنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى بىلمەيسەن
ئىللىق قەلبىمنى خۇشاللىقنى ياخشى كۆرىدىغان ساڭا بېغىشلايمەن؛ رومانتىك قەلبىمنى ھېسسىياتنى سېزىدىغان ساڭا بېغىشلايمەن؛ مەڭگۈلۈك قەلبىمنىمۇ دەل مۇشۇ قەلبنى كۈتىۋاتقان ساڭا بېغىشلايمەن
ساڭا بىر ئۆمۈر بەخت تىلەپ ئۆتۈشكە تەييارلاپ قويغان غۇبارسىز قەلبىمنى ساڭا بېغىشلايمەن، كۈلكەمنى، ھەسرىتىمنى، ھەر دەقىقە ۋاقتىمنى، قىسقىسى بارلىقىمنى ساڭا بېغىشلايمەن.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


